مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ كرودىيەنىڭ پارلامېنت باشلىقى جاندروكوۋىچ بىلەن سۆھبەتلەشتى

2022.03.24 11:41 مەنبە: خەلق تورى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 3-ئاينىڭ 22- كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا، سىن شەكلىدە كرودىيەنىڭ پارلامېنت باشلىقى جاندروكوۋىچ بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن كرودىيە ئۇزاق مۇددەت بىر-بىرىنىھۆرمەتلەپ، بىر-بىرىنى چۈشىنىپ كەلدى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-كرودىيە مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ساقلىدى. ئىككى تەرەپنىڭ سىياسەت جەھەتتىكى ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلاشتى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا ئۆزئارا قوللاپ، جۇڭگو-كرودىيە دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ياراتتى.

  لى جەنشۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن كرودىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى. جۇڭگو تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى باغلايدىغان يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، كرودىيە تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو- كرودىيە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. بىرىنچىدىن، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-كرودىيە مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىشتا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلدى، كرودىيە تەرەپنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئەمەلىي ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئوتتۇرا، ئۇششاق كارخانىلار، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى ھەمكارلىق يارقىن نۇقتىسىنى بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداپ، يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىغا پائال قاتنىشىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل، ھەققانىي بولغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىدۇ. لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كرودىيە جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ياخشى دوستى. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ۋە چوڭقۇر ھەمكارلىق ئاساسىغا ئىگە. جۇڭگو ياۋروپا بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. كرودىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق قوللاپ ۋە پائال قانات يايدۇرۇپ، بۇ يىل ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن كرودىيە پارلامېنتى دوستلۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ كەلدى. ئىككى تەرەپ ھەرقايسى قاتلام، دەرىجە، دوستلۇق گۇرۇپپىسى، مەخسۇس كومىتېت قاتارلىقلارنىڭ نىشانلىق ئالاقىسىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، پاكىز ئېنېرگىيە، يېشىل ئىگىلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەرەققىيات ۋە قانۇن چىقىرىش تەجرىبىلىرىنى ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆرنەك ئېلىپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

  ياندروكوۋىچ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كرودىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى مول مەزمۇنغا ئىگە ھەمدە ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈردى. كرودىيە بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. پېلېشاتس چوڭ كۆۋرۈكى قاتارلىق چوڭ تۈرلەردە، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدا مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو تەرەپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كرودىيە تەرەپنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى، كرودىيە تەرەپ بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىدۇ. ياۋروپا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئويناشنى خالايدۇ. كرودىيە پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان دوستلۇق ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ