شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن بىلەن سىنلىق سۆزلەشتى

2022.03.21 09:24 مەنبە: خەلق تورى

  3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا تەكلىپ بويىچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن بىلەن سىنلىق سۆزلەشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا تەكلىپ بويىچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن بىلەن سىنلىق سۆزلەشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ بىن فوتوسى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى كەچتە تەكلىپ بويىچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن بىلەن سىنلىق سۆزلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا سەمىمىي، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  بايدېن مۇنداق بىلدۈردى: 50 يىل ئىلگىرى، ئامېرىكا - جۇڭگو ئىككى دۆلەت مۇھىم تاللاش قىلىپ، «شاڭخەي ئاخباراتى»نى ئېلان قىلغان. 50 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى يەنە بىر قېتىم ئاچقۇچلۇق پەيتتە تۇرماقتا، ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىشى 21 - ئەسىردىكى دۇنيا ئەندىزىسىنى يارىتىدۇ. مەن شۇنى قايتا تەكىتلەشنى خالايمەنكى: ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن «يېڭى سوغۇق ئۇرۇش» قىلىش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، جۇڭگونىڭ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى قوللىمايدۇ، جۇڭگو بىلەن توقۇنۇش پەيدا قىلىش مەقسىتى يوق، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن سەمىمىي سۆزلىشىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، رىقابەت ۋە ئىختىلاپلارنى ئۈنۈملۈك ياخشى باشقۇرۇپ - تىزگىنلەپ، ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بولغان قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۈچۈن رول تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلەشنى خالايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇر 11 - ئايدا بىز تۇنجى قېتىم «بۇلۇت ئۇچرىشىشى» ئۆتكۈزگەندىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە يېڭى مۇھىم، زور ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى. تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت دەۋر باش تېمىسى كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى، دۇنيا ھەم تىنچ ئەمەس، ھەم خاتىرجەم ئەمەس. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە دۇنيادىكى ئالدىنقى ئورۇندىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى توغرا يولنى بويلاپ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەپلا قالماي، يەنە ئادا قىلىشقا تېگىشلىك خەلقئارا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن ۋە زۇڭتۇڭ ئەپەندى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى، تىنچ بىللە ئۆتۈشى، قارشىلىشىشتىن ساقلىنىشىنى قۇۋۋەتلەيمىز، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى قاتلام، دەرىجە، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە سۆزلىشىشنى كۈچەيتىشىگە قوشۇلىمىز. زۇڭتۇڭ ئەپەندى بايا ئامېرىكا تەرەپ «يېڭى سوغۇق ئۇرۇش» قىلىش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، جۇڭگونىڭ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى قوللىمايدۇ، جۇڭگو بىلەن توقۇنۇش پەيدا قىلىش مەقسىتى يوق، دەپ يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدىڭىز. سىزنىڭ بۇ پوزىتسىيىڭىزگە مەن ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى پەيدا قىلغان قىيىن ئەھۋالدىن تېخى قۇتۇلالماي تۇرۇپ، يەنە بارغانسېرى كۆپ خىرىسقا دۇچ كەلدى. بولۇپمۇ ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» كۈچلىرىگە خاتا سىگنال بېرىۋاتىدۇ، بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك. تەيۋەن مەسىلىسى ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىسا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئاغدۇرما خاراكتېرلىك تەسىر پەيدا قىلىدۇ. ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇنىڭغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ھازىرقى ھالەتنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى بىۋاسىتە سەۋەب شۇكى، ئامېرىكا تەرەپتىكى بىر قىسىم كىشىلەر بىز ئىككىمىز ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرمىدى، زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ ئاكتىپ پوزىتسىيەسىنىمۇ دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمىدى. ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇددىئاسىنى خاتا چۈشەندى، ئۇنىڭغا خاتا ھۆكۈم چىقاردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا ئىلگىرى ۋە ھازىرمۇ ئىختىلاپلار مەۋجۇت، كەلگۈسىدىمۇ يەنە ئىختىلاپلار مەۋجۇت بولىدۇ. ئاچقۇچ ئىختىلاپلارنى ياخشى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشتە. مۇقىم تەرەققىي قىلىدىغان جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق.

  ئىككى تەرەپ نۆۋەتتىكى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  بايدېن ئامېرىكا تەرەپنىڭ مەيدانىنى تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ۋەزىيەتنىڭ ئۇلغىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ بۇ دەرىجىگە يېتىشىنى جۇڭگو تەرەپ كۆرۈشنى خالىمايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئەزەلدىن تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ كەلدى، بۇ، جۇڭگونىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى. بىز ئەزەلدىن ئىشنىڭ ھەق ياكى ناھەق، يوللۇق ياكى يولسىز ئىكەنلىكىنى چىقىش قىلىپ، مۇستەقىل ۋە ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز ئىگە بولۇش ئاساسىدا ھۆكۈم چىقىرىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە ھەممە ئېتىراپ قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق بولۇش، ئۇنىۋېرسال بولۇش، ھەمكارلىشىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشتىن ئىبارەت خەۋپسىزلىك قارىشىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدۇق. بۇ چوڭ پىرىنسىپلار جۇڭگونىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى مەۋقەسى. جۇڭگو تەرەپ ئۇكرائىنانىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئالتە تەشەببۇسنى ئاللىقاچان ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇكرائىنا ۋە تەسىرگە ئۇچرىغان باشقا دۆلەتلەرگە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشنى خالايدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەر رۇسىيە - ئۇكرائىنانىڭ سۆزلىشىشى، سۆھبەتلىشىشى، سۆھبەتنىڭ نەتىجىلىك بولۇشى، سۆھبەتنىڭ تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئورتاق قوللىشى كېرەك. ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىمۇ رۇسىيە بىلەن سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ ئارقىسىدىكى تۈگۈننى يېشىپ، رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئىككى تەرەپنىڭ خەۋپسىزلىك ئەندىشىسىنى تۈگىتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، ھەم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشى، ھەم ئىقتىسادقا، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. چوڭ دۆلەت رەھبىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز يەر شارىۋى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشنى ئويلىشىشىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى پۈتۈن يەر شارىنىڭ مۇقىملىقى ۋە نەچچە مىليارد خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى ئويلىشىشىمىز كېرەك. ھەر تەرەپلىمە، پەرقسىز جازالاشنى يولغا قويغاندا، ئازاب چېكىدىغىنى يەنىلا پۇقرالار. ئەگەر يەنىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتسە، يەنە يەر شارىۋى ئىقتىساد - سودا، پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە، ئاشلىق، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى قاتارلىقلاردا ئېغىر كىرىزىس پەيدا قىلىپ، ئەسلىدىنلا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان دۇنيا ئىقتىسادىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇپ، ئورنىنى تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان زىيان پەيدا قىلىدۇ. ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى، شۇنچە سوغۇققان ۋە ئىدراكىي بولۇش كېرەك. ھەرقانداق ئەھۋالدا سىياسىي جاسارەت بىلەن تىنچلىق ئۈچۈن بوشلۇق يارىتىپ، سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىمكانىيەت قالدۇرۇش كېرەك. جۇڭگودا مۇنداق ئىككى ئېغىز قەدىمىي گەپ بار، بىرى «بىر قولدىن چاۋاك چىقماس»، يەنە بىرى «ئۆزى تاپقان بالاغا، ئۆزى تاپسۇن داۋانى». ئاچقۇچلۇقى شۇكى، ئالاقىدار تەرەپلەر سىياسىي ئارزۇسىنى نامايان قىلىپ، ھازىرغا نەزەر سېلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، مۇۋاپىق ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك، باشقا تەرەپلەرمۇ بۇنىڭ ئۈچۈن شارائىت ياراتسا بولىدۇ ھەم يارىتىشى كېرەك. نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە، داۋاملىق سۆزلىشىپ، سۆھبەتلىشىپ، پۇقرالارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇرۇشنى بالدۇرراق توختىتىش. ئۇزاق مەزگىللىك يول چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرىنى چۆرۈپ تاشلاپ، گۇرۇھۋازلىق قىلىپ قارشىلىشىش پەيدا قىلماي، تەكشى، ئۈنۈملۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان يەر شارىۋى ۋە رايون خەۋپسىزلىكى رامكىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىشىغا باغلىق. جۇڭگو ئىزچىل تىنچلىق ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ، ئىجابىي رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرىدۇ.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى مۇنداق قارىدى: بۇ قېتىمقى سىنلىق سۆزلىشىش ئىجابىي بولدى، ئىككى دۆلەت خىزمەت كوللېكتىپلىرىغا ۋاقتىدا يېتىشىپ مېڭىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىيات يولىغا قايتىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى ۋەزىپە قىلىپ يۈكلەيمىز.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ