مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى

پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەش - قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەپ، كېيىنكى ئىشلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاۋىياتسىيە يۈرۈشىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

2022.03.23 09:22 مەنبە: خەلق تورى

  3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سائەت 14تىن 38 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ MU5735 نۆۋەتچى ئايروپىلانى كۇنمىڭ - گۇاڭجوۋ ئارىلىقىدا ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا، گۇاڭشىنىڭ ۋۇجوۋ شەھىرى ھاۋا بوشلۇقىدا ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان ھەم چۈشۈپ كەتكەن. ئايروپىلاندا 123 يولۇچى، توققۇز ئايروپىلان خادىمى بار ئىدى.

  ۋەقە يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دەرھال مۇھىم يوليورۇق بەردى: شەرق ئاۋىياتسىيەسى MU5735 نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم، دەرھال جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى قوزغىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەش - قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەپ، كېيىنكى ئىشلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. گوۋۇيۈەن ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتكەن رەھبىرىي يولداشلار ئالدىغا ئۆتۈپ ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىپ، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تېزدىن ئېنىقلاپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى ساھەسىدىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاۋىياتسىيە يۈرۈشىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: ھايات قالغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يارىدارلارنى قۇتقۇزۇپ - داۋالاپ، كېيىنكى ئىشلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ھادىسىگە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە تەسەللى بېرىش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا، دەل جايىدا ئېلان قىلىپ، ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى ئەستايىدىل كەسكىن ئېنىقلاپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى ۋە لى كېچياڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار خىزمەت گۇرۇپپىسىنى نەق مەيدانغا بېرىپ يېتەكچىلىك قىلىش، بىر تەرەپ قىلىشقا ئەۋەتتى ھەم گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭ ئىككى جايدىكى قۇتقۇزۇش كۈچلىرىنى تەشكىللەپ، نەق مەيدانغا دەرھال يېتىپ بېرىپ قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىشقا ئەۋەتتى. نۆۋەتتە، نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھەم ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ