مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ 4 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - كۇبا ئىككى دۆلەت پارتىيەلىرىنىڭ نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2022.03.25 09:56 مەنبە: خەلق تورى

  3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 4 - نۆۋەتلىك نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەرقايسىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى. كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى 8 - قۇرۇلتىيى ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى كۇبانىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كۇبانىڭ گۈللەنگەن، دېموكراتىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان سوتسىيالىزم قۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، جۇڭگو - كۇبا ئىككى دۆلەت پارتىيەلىرىنىڭ «پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - كۇبا سوتسىيالىزم يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش»نى باش تېما قىلىپ نەزەرىيە جەھەتتە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشى دەل ۋاقتىدا بولدى، بۇ، بىزنىڭ ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىزم تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىزدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بىللە مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە ئائىت قاراشلار توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، ھەرقايسىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  4- نۆۋەتلىك جۇڭگو - كۇبا ئىككى دۆلەت پارتىيەلىرىنىڭ نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى بىلەن كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت بۆلۈمى ئورتاق مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە سىنلىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ