مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ ئورمان، ئوتلاقتا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش-ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، مەنبەدىن تۈزەشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتى يۈزبېرىشىدىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك

2022.03.21 10:30 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا ئورمان، ئوتلاقتا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش-ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى ئەتىيازلىق ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش جىددىي مەزگىلىگە قەدەم قويدى، ئوتلاقتا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش-ئوت ئۆچۈرۈشتىن ئىبارەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشنى جەزمەن بوشاشماي ياخشى تۇتۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ئالاقىدار تارماقلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئورمان، ئوتلاقتا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش-ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ پۇختىلاپ، نۇقتىلىق ئورۇن، ئاچقۇچلۇق رايون ۋە مۇھىم ۋاقىت بۆلەكلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، ياخشى قاراپ، بىرلەشمە كېڭىشىش، ھالقىما ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئوت ئاپىتى خەۋپىدىن سىگنال بېرىش ۋە جىددىي ئەھۋالغا ئىنكاس قايتۇرۇشنىڭ قاراتمىلىقى، ۋاقىتچانلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ئارقىلىق مەنبەدىن تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەشۋىقات-ئىبرەت تەربىيەسى، خەۋپ -خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈزەش ۋە دالىدا ئوت مەنبەسىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئوت مۇداپىئە كۈچىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش كېرەك. لايىھە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش كۈچلىرىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي جەڭ مانېۋىرىنى كۈچەيتىپ، كەسپىي قوماندانلىق ۋە بىخەتەر ئوت ئۆچۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بالدۇر زەربە بېرىش، كىچىكىدە زەربە بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتى يۈزبېرىشىدىن قەتئىي ساقلىنىپ، ئاپەت زىيىنىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك.

  دۆلەت كومىسسارى، دۆلەت ئورمان، ئوتلاقتا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش-ئوت ئۆچۈرۈش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى ۋاڭ يۇڭ 3-ئاينىڭ 17 -كۈنى مەملىكەتلىك ئورمان، ئوتلاقتا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش-ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتى تېلېۋىزىيە -تېلېفون يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئورمان، ئوتلاقتا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش-ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئورمان، ئوتلاقتا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش-ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتى يۈزبېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى توسۇپ، پارتىيە 20 -قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم مۇھىت يارىتىش كېرەك.

  ۋاڭ يۇڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر دەل ئەتىياز پەسىللىك ئورمان، ئوتلاق ئوت مۇداپىئەسىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، ھەرقايسى جايلار، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، تورلاشقان باشقۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوت ئۆچۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوت ئۆچۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى، تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدا ئامما ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، تەشۋىق-تەربىيەنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، يوشۇرۇن خەۋپ- خەتەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ ۋە تۈزەپ، دالا ئوت مەنبەسىنى باشقۇرۇش- تىزگىنلەش ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ ئوت ئىشلىتىشنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئوت ئاپىتى خەۋپ-خەتىرىنى مەنبەدىن تۆۋەنلىتىش كېرەك. ئوت ئەھۋالىنى كۆزىتىش، سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، خەتەرگە يولۇققان ئاممىنى ۋاقتىدا يۆتكەپ تارقاقلاشتۇرۇپ، ئىلمىي، بىخەتەر تەشكىللەپ قۇتقۇزۇپ، ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوت ئۆچۈرۈش جابدۇقلىرىنىڭ ئىقتىدار سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ