مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىدا تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

تېرىقچىلىق مەزگىلىگە دەخلى يەتكۈزمەي ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى چىڭ تۇتۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى پۇختا تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك

2022.03.28 09:40 مەنبە: خەلق تورى

  3-ئاينىڭ 23-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىدا تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.

  لى كېچياڭ تېرىقچىلىق باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئەھۋالى ئۇچۇر باشقارمىسىدا ئەتىيازلىق پەرۋىش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق دوكلاتلارنى ئاڭلىدى. ئۇ بۇلتۇرقى كۈزلۈك تاشقىننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، تېرىقچىلىق كېچىكتۈرۈلگەن رايونلاردىكى بۇغداي مايسىلىرىنىڭ ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، نۆۋەتتىكى بىرىنچى، ئىككىنچى تۈردىكى مايسىلارنىڭ نىسبىتىنىڭ قىش پەسلىدىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، لى كېچياڭ دەل جايىدا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەشنى تاپىلىدى. ئۇ خىزمەتچى خادىملارنى رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىكى ئەھۋالى ئاشلىققا مۇناسىۋەتلىك، ئاشلىق ئەھۋالى خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، خەلق ئۈچۈن ئاشلىق ھەممىدىن مۇھىم، ئۆلچەپ تەكشۈرۈشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئەھۋال بولسا ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ، تەكلىپ بولسا ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ھوسۇلنى ئاشۇرۇشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  سۆھبەت يىغىنىدا، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى دوكلات بەردى، خېبېي، خېيلۇڭجياڭ، خېنەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى سىن ئارقىلىق سۆز قىلدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىكى خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى تەرەپلەر ئورتاق تىرىشىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاشلىقتىن يىلمۇيىل مول ھوسۇل ئالدى. ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ ۋە كەسكىن بولۇپ، مال باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلەش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا داۋالغۇش ئېغىرلىشىش قاتارلىق مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، دۆلەت ئىچى تەرەققىياتى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىمۇ يېڭى خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامباردا ساقلىنىشى يېتەرلىك، تەمىناتى كاپالەتكە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن مەۋقەنى ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا قويۇشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن-ئاخىر چىڭىتىپ، دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق، تاشقى مۇھىتنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا تاقابىل تۇرۇش كېرەك. بۇ، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى پۇختا، ئەمەلىي تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ «گۈرۈچ خالتىسى»، «كۆك–تاق»ىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يىلنىڭ ئىشى باھاردىن باشلىنىدۇ، دېھقانچىلىق ۋاقتى ساقلاپ تۇرمايدۇ. ھازىر ئەتىيازلىق تېرىلغۇ جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇلماقتا. شىمالدىكى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونلار دەل بۇغداينىڭ قايتا كۆكلەشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا، مايسا ئەھۋالىنى يەنىمۇ ياخشىلاش بوشلۇقى بار، ئىلمىي ئوغۇتلاش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئاجىز مايسىلارنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېيىنكى ئېتىز پەرۋىشىنى كۈچەيتىپ، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنى ئەمەلىي، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى تىرىشىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شارائىتى بار جايلارنى قوش پەسىللىك شالنى كۆپرەك تېرىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، بۇ يىللىق ئاشلىق ھوسۇلىنى 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ھەر قايسى تەرەپلەر ئومۇمىيلىقنى كۆزلەپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى كۈچلۈك قوللىشى كېرەك. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ئاشلىقنىڭ «ئاشلىقى»، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى، دىزېل مېيى قاتارلىقلارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىش مەسىلىسىگە قارىتا باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەش، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش قاتارلىق كۆپ ھالقىلاردىن كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ، تەمىناتنى كۆپەيتىشىگە مەدەت بېرىش بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى تىرانسپورتى ۋە ئاخىرقى تەقسىملەش - يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالاھىدە مەھسۇلاتلارغا قارىتا، ئالاقىدار قوللاش تەدبىرلىرىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ، كارخانىلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىش، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش ۋە كۆپ مەنبەلىك ئىمپورتنى كېڭەيتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق زاپاسنى ياخشى تەڭشەش كېرەك. دۆلەت ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارغا يەنە 20 مىليارد يۈەن يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى ياردەم پۇلى بېرىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. چوڭقۇر، ئىنچىكە خىزمەت ئىشلەپ، تېزدىن تولۇق تارقىتىپ، ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوغداش كېرەك. ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، مېتېئورولوگىيە، كېسەللىك ۋە ھاشارات ئاپىتى قاتارلىق ئاپەتلەرگە ئىلمىي، ۋاقتىدا تاقابىل تۇرۇش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزدە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنە ئۇزۇن يول مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ، يېزا نوپۇسىدا يەنە 760 مىليون نوپۇس بار، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى تايانچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك، سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەر -بازارلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھەر يەرنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. 1 مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، ئېتىز- ئېرىق سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپەتلىك ئۇرۇق، ئىلغار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى جابدۇقلىرىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئۇنى كېڭەيتىپ قوللىنىشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  خۇ چۈنخۇا، شياۋ جيې، خې لىفېڭ يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ