مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىككى يىغىن تەكشۈرۈشى: «دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش» ئەڭ قارشى ئېلىندى

2022.03.04 14:48 مەنبە: خەلق تورى

  تورداشلار ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشىنى ئۈمىد قىلدىخەلق تورىنىڭ 21–قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن تەكشۈرۈشىنىڭ نەتىجىسى چىقتى. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، «دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش» دېگەن سۆزنى تاللىغان تورداشلار ئەڭ كۆپ بولۇپ، %64.8نى ئىگىلىگەن، شۇنداقلا بۇ ھەم تورداشلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نۇقتا ئىكەن.

  زامانىۋىلاشقان دۆلەت مۇقەررەر قانۇنچىل دۆلەتتۇر. مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى 2021–يىلىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى «ئەمەلىيلەشتۈرۈش يىلى» ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى. قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇش يېڭى پەللىگە ئۆرلىدى، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا يېڭى نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى؛ قانۇنچىللىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشى ۋە كاپالەتلەندۈرۈلۈشىدە يېڭى تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان قانۇنچىللىق خىزمەت قوشۇنىدا يېڭى قىياپەت نامايان قىلىندى.

  قانۇنچىللىقنىڭ تەرەققىياتى تۇرمۇشتا ئەكس ئەتتى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، %58.1 تورداش «دەۋا مۇلازىمىتى تېخىمۇ قولايلاشتى، دەۋالاشقاندا ئۇزاق يول بېسىپ، سەپەر ئازابى تارتىپ يۈرمەيدىغان بولدۇق» دەپ قارىغان؛ %54.6 تورداش نۆۋەتتە مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنىڭ پۈتۈن جەريانىنىڭ خاتىرىلىنىدىغانلىقى، قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ قېلىپلاشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ %50.5 تورداش تەستىقلاش مۇلازىمىتىنىڭ خەلققە تېخىمۇ قولايلىق، پايدىلىق بولغانلىقى، غەلىتە ئىسپات كېىسىش، ئىش بېجىرىشتە بىر–بىرىگە ئىتتىرىش مەسىلىلىرىنىڭ ئازلىغانلىقىنى ھېس قىلغان.

  ياخشى قانۇن ياخشى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسى. 2021– يىلى، نۇرغۇن قانۇنلار ئارقا–ئارقىدىن چىقىرىلىپ يولغا قويۇلۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى تېخىمۇ ئاشتى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، ھەق تەلەپ سۇبيېكتىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا كۈچەيتىلدى. %55.2 تورداشنىڭ قارىشىچە، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ «ئۆيلىنىش، ئائىلە»گە بولغان تەسىرى ئەڭ چوڭ ئىكەن، %40.2 تورداش ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدىكى «توختام ماجىراسى»غا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈدىكەن.

  يېڭى ئېلان قىلىنغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش قانۇنى» ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر ئىچىدە «<چوڭ سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدلىنىپ دائىملىق خېرىدارلارنى بوزەك قىلىش> مەسىلىسى بىر ئاز ياخشىلىنىش، ئىستېمال باھاسى تېخىمۇ ئوچۇق بولۇش»قا بېلەت تاشلاش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان، نۇرغۇن تورداشلار «بىر تۈركۈم دائىرىدىن ھالقىپ شەخسلەرنىڭ مەخپىي ئۇچۇرىنى توپلاشقا چېتىشلىق كۆچمە پىروگراممىلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش»قا كۆڭۈل بۆلگەن.

  مەملىكەتلىك سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش- تەرتىپكە سېلىش خىزمىتى 2021-يىلى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. تەكشۈرۈش جەريانىدا، %72.5 تورداش «دېلو بولسىمۇ تۇرغۇزماسلىق، دېلونى بېسىپ قويۇپ تەكشۈرمەسلىك، جىنايىتى بولسىمۇ سۈرۈشتۈرمەسلىك» تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىشتا ھەل قىلىش ئەڭ زۆرۈر بولغان باش ئاغرىقى نۇقتىسى دەپ قارىدى؛ %66.2 تورداش «بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مۇناسىۋەت دېلوسى، ئادەمگەرچىلىك دېلوسى، پۇل دېلوسى بېجىرىش» مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلدى؛ يەنە %65.7 تورداش «ھەرىكەت شەكلىدىكى»، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» قاتارلىقلاردىكى قانۇن ئىجرا قىلىش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

  قانۇنچىللىق گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، قانۇنچىللىق كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، تورداشلار «قانۇن يۈرگۈزۈش پائالىيىتىدە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى ئەڭ ئارزۇ قىلغان بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %62.7كە يەتكەن، %50.5 تورداش «ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمەت سىستېمىسى، قانۇن ياردىمى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش ياردىمى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش»كە كۆڭۈل بۆلگەن. تورداش «لى تيەنشياڭ» سۆز قالدۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن قانۇن ئۆگىنىۋاتقان ئوقۇغۇچى، دۆلەت قانۇنىنىڭ كۈنسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقانلىقى ۋە ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ناھايىتى پەخىرلەندۇق. لېكىن بەزى ساھەلەردە يەنىلا ياخشىلاشقا تېگىشلىك ئەھۋاللار مەۋجۇت. ئۇلارنى ئۆزگەرتىش دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شۇنداقلا قانۇنشۇناسلىقنىڭ ئېھتىياجى».

  2022-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى، خەلق تورى 21- قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننى تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇپ، جەمئىي 17 قىزىق نۇقتىلىق سۆز تەسىس قىلدى، 2- ئاينىڭ ئاخىرى تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقۇچە، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق قىزىق نۇقتا مەسىلىلەرگە تورداشلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ