مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

رېتىمنى ئىلمىي ئىگىلەپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ئاچقۇچقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

2022.03.03 13:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خەن جېڭ 3-ئاينىڭ 1-كۈنى كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالاقىدار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار ھۆججەتلەرگە قاراپ چىقىپ، 2022-يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىچكى-تاشقى ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ چىقارغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى. تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئاۋۋال قۇرۇش، ئاندىن بۇزۇش، ئومۇميۈزلۈك پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت رېتىمىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىللە، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى بىخەتەرلىكى، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئاممىنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى تولۇق تونۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «قوش كاربون» زور مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە سىياسەت-تەدبىرلەرنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. كۆمۈرنىڭ ئورنىغا تەرتىپلىك دەسسىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆمۈرنىڭ تەمىنات ۋە ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى «چوڭ ھېسابات»ىنى ئېنىق ھېسابلاپ، كۆمۈر ئېلېكتىرىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى مۇۋاپىق پىلانلاپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆمۈرنىڭ ئېنېرگىيەدىكى ئۇللۇق ۋە تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھاسىلىي ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش، ئىستېمال قىلىش سىستېمىسىنى پىلانلاپ قۇرۇشنى تېزلىتىپ، تەقسىملەنمە يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش كېرەك. «قوش كاربون»نى ئىلگىرى سۈرىدىغان بازارلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تەتقىق قىلىپ بەرپا قىلىپ، توك باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاربون قويۇپ بېرىش ھوقۇقى سودا بازىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئۇل ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىرلىككە كەلگەن، قېلىپلاشقان كاربون قويۇپ بېرىشنى ئىستاتىستىكا قىلىش، ھېسابلاش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى «قوش كونترول قىلىش»تىن كاربون قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارى ۋە سىجىللىقىنى «قوش كونترول قىلىش»قا ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربون تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە كېڭەيتىپ قوللىنىشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ئالاقىدار تارماقلار بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، «قوش كاربون» خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  ليۇ خې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلار ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ