مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 24 ـ قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان كارخانا قۇرۇشنى تېزلىتىش، ئاساسىي پەن ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

2022.03.02 09:14 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 2 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 24 ـ قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا «دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان كارخانا قۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»، «ئاساسىي پەن ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «دۆلەت كارخانىلىرىدا ئىجادىي تېخنىكا مەنبەسى بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا «مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2021 ـ يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى»، «مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2022 ـ يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرى» قاراپ چىقىلدى.

  شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قىلچە تەۋرەنمەي ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، قىلچە تەۋرەنمەي ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىپ، مەدەت بېرىپ ۋە يېتەكلەپ، بىر تۈركۈم مەھسۇلاتلىرى قالتىس، ماركىسى داڭلىق، يېڭىلىق يارىتىشتا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، ئىدارە قىلىشى زامانىۋى بولغان، دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان كارخانىلارنى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. باشتىن ـ ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يۈكسەك ماسلىشىشچانلىققا، رىقابەت كۈچىگە، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىگە ئىگە بولغان زامانىۋى پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسى ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ كۆپ خىللاشقان پۇل مۇئامىلە ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، قەرز ئېلىش قىيىن بولۇش، قەرز ئۆسۈمى يۇقىرى بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. ئاساسىي پەن ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى ئەتراپلىق پىلانلاپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كۆلىمىنى ئىلمىي بېكىتىپ، قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تاللاش، يېتىشتۈرۈش، باھالاش، ئىشلىتىش، كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە سىستېمىلاشتۇرۇش، زەنجىرسىمان لايىھەلەش ئېلىپ بېرىپ، دۆلەتنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان زور بىر تۈركۈم ئاساسىي تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ زەنجىرى، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىجادىي تېخنىكا ئېھتىياجىنى يېتەكلەش، مەنبەدىن تەمىنلەش، بايلىق تەقسىملەش، ئايلاندۇرۇپ قوللىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجادىي تېخنىكا مەنبەسى بەرپا قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوغدايدىغان ۋە قوللايدىغان بىر قاتار سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، بەزى ساھەدىكى باشلامچى كارخانىلار بىرقەدەر كۈچلۈك خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى شەكىللەندۈردى. ساھەدىكى باشلامچى كارخانىلار ۋە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلارنى ئىگىلىگەن كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى كارخانىلارنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىنى قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم ئامىللىرىنىڭ كارخانىلارغا توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش، سودا ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەمەلىي ئىقتىسادنى زورايتىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ ئاساسىنى يۇقىرى دەرىجىلەشتۈرۈش، كەسىپ زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يەر شارىۋى رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولغان مەھسۇلات مۇلازىمىتى بەرپا قىلىش كېرەك. كارخانىلارنىڭ خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، پۈتۈن يەر شارىغا يۈزلەنگەن بايلىق تەقسىملەش ۋە بىرىكتۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىنى قوللاپ، دۆلىتىمىزنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىنى خەلقئارا رىقابەت ئۈستۈنلۈكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. قابىل ھۆكۈمەت بىلەن ئۈنۈملۈك بازارنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىرىكىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوغداپ ۋە ئۇرغۇتۇپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتىنى ياخشى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر كارخانىلارنىڭ بازار رىقابىتىدە ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كارخانىلارنى خەلقئارا بازارنى پائال، پۇختا ئېچىشقا يېتەكلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش يىرىك پىلانى (2016 ـ يىلىدىن 2020 ـ يىلىغىچە)»نى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ يولغا قويغاندىن بۇيان، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ قاپلاش نىسبىتى، ئېرىشىش خاراكتېرى، رازى بولۇش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشۇش، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى. پۇل مۇئامىلىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل مۇئامىلە بايلىقىنى نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ناھىيە تەۋەسى، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېزدىن تولۇقلاپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە ۋە يېشىل پۇل مۇئامىلە، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش پۇل مۇئامىلىسى قاتارلىقلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسەتنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى سىستېمىسى، بازار سىستېمىسى، مەھسۇلات سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سودا خاراكتېرلىك، تەرەققىيات خاراكتېرلىك، سىياسەت خاراكتېرلىك، ھەمكارلىق خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلىنىڭ رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، سۇغۇرتا ۋە كاپىتال بازىرىنىڭ مۇلازىمەت، كاپالەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، رەقەملىك ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىنىڭ تەرەققىياتىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە ئاساسىي ئەسلىھەسى، تۈزۈم قائىدىسى، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەۋپ ـ خەتەرنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش، تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، تەننەرخنى ئۈستىگە ئالالايدىغان، سودىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پۇل مۇئامىلە خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش كەيپىياتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قاتتىق بولۇش تەلىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى چىرىكلىكنى قەتئىي جازالاپ، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۆلىتىمىز دۇنيادا كۆلىمى ئەڭ زور ئالىي مائارىپ سىستېمىسىغا ئىگە، تۈرلۈك ئىشلار تەرەققىي قىلىدىغان كەڭ سەھنىگە ئىگە، زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى تامامەن ئۈزۈلدۈرمەي تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ چىقالايدۇ، مۇتەخەسسىسلەرنى تامامەن يېتىشتۈرۈپ چىقالايدۇ. ئاساسىي پەن ئىختىساسلىقلىرىنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈش يولىدا ياخشى مېڭىپ، دۇنيا پەن ـ تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىش، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىش، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىش، خەلقنىڭ ھاياتىي ساغلاملىقىغا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئاساسىي پەن ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك. توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، غايە ـ ئېتىقاد تەربىيەسىنى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى، ۋەتەنگە ئۆزىنى بېغىشلاش ئىرادىسىنى قەلبىگە چوڭقۇر پۈكۈپ، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئالىملارنىڭ ۋەتەننى قەلبىگە پۈكۈش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك ئېسىل پەزىلىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈم مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاساسنى ياخشى سېلىپ، ئۇزاق مۇددەتكە تەييارلىق كۆرۈپ، ئالىي مەكتەپلەر، بولۇپمۇ «قوش بىرىنچى قاتار»دىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىكى ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش ھەم ئىختىساسلىقلارنى ياخشى يېتىشتۈرۈش، تېخىمۇ مۇھىمى ئىختىساسلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلەت كارخانىلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تەڭداشسىز مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. دۆلەت كارخانىلىرىدا ئىجادىي تېخنىكا مەنبەسى يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا، ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، كەسىپلەرنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، ئىجادىي تېخنىكا بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا ۋە ئاغدۇرۇش خاراكتېرلىك تېخنىكىنى ھالقىما ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم ئامىللىرىنى توپلاش، يېڭىلىق يارىتىشتا ماسلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى ھەر تەرەپلىمە يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش ۋە ئۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. مەسئۇلىيەت زەنجىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۆتكەن بىر يىل پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى. بىز ئىسلاھات خىزمىتىنى بىر پۈتۈن پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات خىزمىتىنى ئۇدا، تەدرىجىي ئىلگىرىلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەمىز قۇرۇلغىنىغا 100 يىل بولغاندا ھەرقايسى جەھەتتىكى تۈزۈملەرنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرۇش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بىز ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇشنى «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولدۇق. بىز كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەرەققىيات جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇق، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يولغا قويۇپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇق. بىز ئىسلاھاتنى سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە تۈرتكە بولۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، شارائىتى بار جايلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، تۈرتكە بولۇپ، نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى نازارەت قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق. بىز پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بىلەن ئىسلاھاتنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىسلاھاتنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش ئېتىقادى ۋە ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، داۋاملىق يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات ياراتتۇق.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ئېچىلىدۇ، ئىسلاھات خىزمىتىدە ھەم قەدەمنى تېز، پۇختا ئېلىش، چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىتىش، ھەم يېڭى كەيپىيات، يېڭى قىياپەت يارىتىش كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، مۇھىم، زور، ئېغىر خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجە، يېڭى تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، كەلگۈسى بىر مەزگىلدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى، ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسى، ۋەزىپە تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ۋە يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئۇرغۇتۇپ، تەكشى، مۇقىم، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت، دۆلەت تىنچ، خەلق خاتىرجەم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىتنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ياخشى تۈزۈم شارائىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك.

  مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ