مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى

2022.03.01 08:43 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ پۇتىننىڭ جۇڭگوغا كېلىپ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتتى، رۇسىيە تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ مېدال سانى رەت تەرتىپىدە ئىككىنچى بولۇشتەك ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. پۇتىن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى ۋە جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئىپادىسىنىڭ قالتىس بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بارلىق جۇڭگو خەلقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  ئىككى تەرەپ نۇقتىلىق ھالدا ھازىرقى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  پۇتىن ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى تارىخىي ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىك ھەمدە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم رايونىدا ئالاھىدە ھەربىي ئىشلار ھەرىكىتى قوللىنىش ئەھۋالى ۋە مەيدانىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيەنىڭ خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئۇزاق مۇددەت ئېتىبارسىز قاراپ كەلدى، ۋەدىسىدىن قايتا - قايتا يېنىۋېلىپ، ھەربىي ئىشلار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئۈزلۈكسىز شەرققە سۈرۈپ، رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۆۋەن چېكىگە جەڭ ئېلان قىلدى. رۇسىيە تەرەپ ئۇكرائىنا تەرەپ بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى مەزگىلدە، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم رايونى ۋەزىيىتىدە جىددىي ئۆزگىرىش بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى. جۇڭگو تەرەپ ئۇكرائىنا مەسىلىسىنىڭ ئۆزىدىكى ھەق - ناھەق ۋە توغرا - خاتاغا ئاساسەن جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانىنى قارار قىلىدۇ. سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ھۆرمەت قىلىپ، سۆھبەت ئارقىلىق تەڭپۇڭ، ئۈنۈملۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ياۋروپا خەۋپسىزلىك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىش ئاساسىي مەيدانى ئۆزگەرمەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، ئورتاق بولۇش، ئۇنىۋېرسال بولۇش، ھەمكارلىشىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشتىن ئىبارەت خەۋپسىزلىك قارىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغداشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ