مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20-يىغىنى يېپىلدى

ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى

2022.03.03 13:26

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20-يىغىنى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا يېپىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى تولۇق، ئۈنۈملۈك ئادا قىلدى. دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان «تۆت تارىخ» تەربىيەسىگە پائال قاتنىشىپ، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ چوڭقۇر كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىش يىغىنى، كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى قاتارلىق خىزمەتلەردە نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتلىرىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى ئەۋزەل رولىنى نامايان قىلدى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا، سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدىكى تايانچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، چارە-تەدبىر كۆرسىتىش بىلەن ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، يىغىننى ياخشى ئېچىشتىكى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش-تەربىيە نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سىياسىي ئەۋزەللىك، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ كۈچ ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەش ئىشەنچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئۆز كەچۈرمىشى ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چۈشەندۈرۈپ، گۇماننى تۈگىتىش خىزمىتىنى كۆپرەك ئىشلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش غەيرىتىنى كۆپرەك ئاشۇرۇش كېرەك. ياخشى يىغىن ئىستىلى، يىغىن ئىنتىزامىنى ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بەلگىلىمىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، يىغىننىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يېپىلىش يىغىنىدا سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ قارالما (لايىھەسى) ۋە كۈنتەرتىپى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ باش كاتىپى ۋە مۇئاۋىن باش كاتىپلىرىنىڭ ئىسىملىكى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. ئالاقىدار لايىھە ۋە دوكلاتلار تەرتىپ بويىچە سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدۇ.

  يىغىندا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق جاڭ ماۋيۈ سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەندى؛ نىڭ جىجې، شاڭ يۇڭ، خۇ جىيۈەن، جياڭ جيەنگولار مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلاندى؛ فۇ جىفاڭ، نىڭ جىجې ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا، خەن يۇڭ نوپۇس-بايلىق-مۇھىت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا، شاڭ يۇڭ، كې زۇنپىڭ مائارىپ-پەن تېخنىكا-سەھىيە- تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا، دوجى رېدەن، جاڭ يىجيۇڭ، جياڭ جيەنگو مىللەتلەر ۋە دىن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا، جاڭ چاڭئېر مەدەنىيەت-تارىخ ۋە ئۆگىنىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا، خۇ جىيۈەن مەدەنىيەت-تارىخ ۋە ئۆگىنىش كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تولۇقلاندى؛ گو جۈن سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ليۇ شياۋبىڭ مەدەنىيەت-تارىخ ۋە ئۆگىنىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولمايدۇ؛ جېڭ يۆۋېننى سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىدىن قالدۇرۇش، ئۇنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى؛ ۋاڭ بىن، ۋاڭ پېڭجيې، خەن يى، ۋېي يىخۇڭلارنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارار ئېتىراپ قىلىندى.

  يېپىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى لې يۈچېڭ مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ