مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شى جىنپىڭ شاڭخەيدە» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2022.03.04 08:37 مەنبە: خەلق تورى

  زىيارەت خاتىرىسى «شى جىنپىڭ شاڭخەيدە» ناملىق كىتاب يېقىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

  شى جىنپىڭ 2007 - يىلى 3 - ئايدىن 10 - ئايغىچە شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. شاڭخەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كەلگەن جاي، خەلقئارالىق چوڭ مەركىزىي شەھەر بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. شى جىنپىڭ ئالاھىدە مەزگىلدە شاڭخەيگە كېلىپ، شەھەرلىك 9 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى نۇقتىلىق تۇتۇپ، پارتىيە قۇرۇلتىيى ئارقىلىق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، روھنى ئۇرغۇتتى. ئۇنىڭ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىنكى تۇنجى مەيدان ئاشكارا پائالىيىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1 - قۇرۇلتىيى ۋە 2 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايغا ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك تارىخىنى قايتا ئەسلەپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىشنى تەكىتلەش بولدى. ئۇ كۆپ قېتىملىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى، شاڭخەيدىكى ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەر، ھەرقايسى كەسىپلەر، ھەرقايسى ساھەلەردە ئۇنىڭ قەدەم ئىزى قالدى. ئۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، ئاڭلىق ھالدا شاڭخەي خىزمىتىنى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە قويۇپ كۆزەتتى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئۇ شاڭخەينىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق شەھەرنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، 3 -، 2 -، 1 - كەسىپلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، شاڭخەينىڭ چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى ھەمكارلىقى ۋە ئالماشتۇرۇشىدىكى باشلامچىلىق، تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى توپلاپ، شاڭخەي شەھىرى روھىنى يىغىنچاقلاپ، شاڭخەيدىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىشەنچى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئۇرغۇتتى. ئۇ باشتىن - ئاخىر خەلقنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىگە چىن قەلبى، پۈتۈن كۈچى بىلەن كۆڭۈل بۆلدى ۋە ئۇنى ھەل قىلدى. ئۇ پارتىيە قۇرۇلۇشىغا، بولۇپمۇ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كوچا، يېزا، كەنت، كارخانا، «ئىككى يېڭى» تەشكىلات قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلىپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش شارائىتىدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، شاڭخەينىڭ ئالاھىدە چوڭ تىپتىكى شەھەر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى يېڭى يولىنى تېپىپ چىقىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، دۇنيا كۆرگەزمىسىگە تەييارلىق كۆرۈش قاتارلىق مۇھىم، زور پائالىيەتلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. شى جىنپىڭ گەرچە شاڭخەيدە پەقەت يەتتە ئايلا تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئەينى چاغدىكى شاڭخەينىڭ پاسسىپ ۋەزىيىتىنى تېز ئۆزگەرتىپ، شاڭخەينىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىپ، تەرەققىيات ئەمەلىي نەتىجىسى ئارقىلىق كادىرلار، ئاممىنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشى ۋە چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى.

  «شى جىنپىڭ شاڭخەيدە» ناملىق ئەينەن خاتىرىدە، ئەينى چاغدىكى شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىكى رەھبىرىي يولداشلار، شەھەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلار ۋە رايون، ناھىيەلەردىكى رەھبىرىي كادىرلار، مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋە مۇخبىرلار قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلىش، ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان مەزگىلدىكى ئاساسلىق خىزمىتى ۋە نامايان قىلغان مول سىياسىي ئەقىل - پاراسىتى، يۈكسەك رەھبەرلىك ئىقتىدارى، تىرىشىپ خىزمەت قىلىش روھى، سەمىمىي خەلقچىل ھېسسىياتى جانلىق، تەپسىلىي نامايان قىلىندى. بۇ ئەينەن خاتىرىنىڭ نەشر قىلىنىشى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئۆزلەشتۈرۈشىنى مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىدى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىنى جانلىق دەرسلىك بىلەن تەمىنلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ