شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى

​غايە - ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئۆكۈنمەيدىغان كۈرەش قىلىش ئىزلىرىنى قالدۇرۇش كېرەك

​ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى

2022.03.03 08:27 مەنبە: خەلق تورى

  3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ 2022 - يىلى ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىلىق ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇش باشلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى

  ■ ياش كادىرلار پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئۈمىدى، جەزمەن غايە - ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، چىرىكلىشىشنى توسۇپ، ئۆزگىرىپ ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇداپىئە سېپىنى ساقلاپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ۋە كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشتەك سىياسىي پەزىلەتنى چېنىقتۇرۇپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدىغان ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى تىكلەپ، ئالىيجاناب، ساپ ئىدىيە مەنزىلىگە ئىنتىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ ئۆزىنى بېغىشلاپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئۆكۈنمەيدىغان كۈرەش قىلىش ئىزلىرىنى قالدۇرۇشى كېرەك

  ■ غايە - ئېتىقاد پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى. ياش كادىرلار ئەجدادلارنىڭ ئىشىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىشتا، ئەڭ مۇھىمى ئەجدادلارنىڭ ماركسىزملىق ئېتىقادتا چىڭ تۇرىدىغان، كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ئىشلىرىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىشى كېرەك. پارتىيەلىك كادىرلار دۇنيانى قەلبىگە پۈكۈپ، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئۇنتۇماي، كىشىلىك ھايات غايىسىنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ بەختى قىلغاندىلا، ئاندىن ئالىيجاناب، مول مەزمۇنلۇق كىشىلىك ھاياتقا ئىگە بولالايدۇ. غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىشتا، جەزمەن ئالدى بىلەن بىلىش، ئاندىن ئىشىنىش، ئىشەنگەندىن كېيىن ھەرىكەت قىلىش كېرەك. غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىش بىر مەزگىللىك ئىش ئەمەس، بەلكى بىر ئۆمۈرلۈك ئىش، دائىم تەربىيەلىنىش دائىم تاۋلىنىپ تۇرۇش، دائىم ئۆزلەشتۈرۈپ دائىم ئىلگىرى سۈرۈش، مەيلى ئوڭۇشلۇق ياكى ئوڭۇشسىز شارائىت بولسۇن قەتئىي تەۋرەنمەي، كۈچلۈك دولقۇننىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىش كېرەك

  مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ 2022 - يىلى ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىلىق ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇش باشلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ياش كادىرلار پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئۈمىدى، جەزمەن غايە - ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، چىرىكلىشىشنى توسۇپ، ئۆزگىرىپ ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇداپىئە سېپىنى ساقلاپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ۋە كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشتەك سىياسىي پەزىلەتنى چېنىقتۇرۇپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدىغان ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى تىكلەپ، ئالىيجاناب، ساپ ئىدىيە مەنزىلىگە ئىنتىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ ئۆزىنى بېغىشلاپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئۆكۈنمەيدىغان كۈرەش قىلىش ئىزلىرىنى قالدۇرۇشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: غايە - ئېتىقاد پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى. ياش كادىرلار ئەجدادلارنىڭ ئىشىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىشتا، ئەڭ مۇھىمى ئەجدادلارنىڭ ماركسىزملىق ئېتىقادتا چىڭ تۇرىدىغان، كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ئىشلىرىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىشى كېرەك. پارتىيەلىك كادىرلار دۇنيانى قەلبىگە پۈكۈپ، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئۇنتۇماي، كىشىلىك ھايات غايىسىنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ بەختى قىلغاندىلا، ئاندىن ئالىيجاناب، مول مەزمۇنلۇق كىشىلىك ھاياتقا ئىگە بولالايدۇ. غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىشتا، جەزمەن ئالدى بىلەن بىلىش، ئاندىن ئىشىنىش، ئىشەنگەندىن كېيىن ھەرىكەت قىلىش كېرەك. غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىش بىر مەزگىللىك ئىش ئەمەس، بەلكى بىر ئۆمۈرلۈك ئىش، دائىم تەربىيەلىنىش دائىم تاۋلىنىپ تۇرۇش، دائىم ئۆزلەشتۈرۈپ دائىم ئىلگىرى سۈرۈش، مەيلى ئوڭۇشلۇق ياكى ئوڭۇشسىز شارائىت بولسۇن قەتئىي تەۋرەنمەي، كۈچلۈك دولقۇننىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ياش كادىرلار جەزمەن پاكلىق − بەخت، ئاچ كۆزلۈك − ئاپەت، دېگەن داۋالىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دائىم پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىگە سېلىشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىغا سېلىشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچقا سېلىشتۇرۇپ، بەزى ئىشلارنى قىلىش كېرەكمۇ - ئەمەسمۇ، قىلىشقا بولامدۇ - بولمامدۇ، دېگەننى ئېنىق تونۇپ، ھەر ۋاقىت ئۆزىنى قەدىرلەپ، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئىنتىزام، قانۇن، قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىشى كېرەك. چىرىكلىشىشنى توسۇپ، ئۆزگىرىپ ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇداپىئە سېپىنى ساقلاشتا، ئەڭ مۇھىمى قەلبنى ساقلاش، كىچىك ئىش، كىچىك ھالقىلاردىن باشلاپ ساقلاش، دۇرۇس بولۇپ، داغدام يولدا مېڭىش، ئەخلاق - پەزىلەتنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئۆزىنى قەدىرلەش، «ئىدىيە چاڭ - توزانلىرى»نى دائىم قېقىپ، «ئاچ كۆزلۈكنىڭ زىيىنى» ئۈستىدە كۆپ ئويلىنىپ، «يامان نىيەت»نى ھەر ۋاقىت تۈگىتىش، يوقىلاڭ خىياللارغا بېرىلمەسلىك ئارقىلىق، قارىغۇلارچە ئىش قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كادىرلار چىرىكلىشىشنى توسۇپ، ئۆزگىرىپ ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇداپىئە سېپىنى ساقلاپ، پۇختىلاپ، قاتمۇقات مۇداپىئە كۆرۈشى، ھەممە جايدا مۇداپىئە كۆرۈشى كېرەك. سىياسىي ئۆتكەلنى ساقلاپ، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق ئالدىدا، سىياسىي پىرىنسىپال مەسىلىلەردە كاللىسى ئالاھىدە سەگەك بولۇش، مەيدانى ئالاھىدە مۇستەھكەم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلماسلىقى، ئىككى يۈزلىمىچى بولماسلىقى، قەتئىي پارتىيە پىرىنسىپىنى ئىشلىتىپ سودىلاشماسلىقى كېرەك. ھوقۇق ئۆتكىلىنى چىڭ ساقلاپ، ھوقۇقتىن ئەيمىنىش تۇيغۇسىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، ھوقۇقنى ئادىل ئىشلىتىش، قانۇن بويىچە ھوقۇق ئىشلىتىش، خەلق ئۈچۈن ھوقۇق ئىشلىتىش، ھوقۇقنى پاك ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. ئالاقە ئۆتكىلىنى چىڭ ساقلىشى، ئالاقىلىشىشتە چوقۇم پىرىنسىپ بولۇشى، قائىدە بولۇشى، ئىجتىمائىي ئالاقە چەمبىرىكى، تۇرمۇش چەمبىرىكى، دوستلار چەمبىرىكىنى ئۈزلۈكسىز ساپلاشتۇرۇشى كېرەك. تۇرمۇش ئۆتكىلىنى چىڭ ساقلاپ، ساغلام قىزىقىش يېتىلدۈرۈپ، ئاددىي - ساددا تۇرمۇشنى قەدىرلەپ، كوممۇنىستلارنىڭ خىسلىتىنى ساقلىشى كېرەك. قېرىنداشلىق مېھرى ئۆتكىلىنى چىڭ ساقلاپ، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلىنى چىڭىتىپ، ھەم ئۆزى ئۈلگە بولۇشى، ھەم ئۇرۇق - تۇغقان، پەرزەنتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، كۆپرەك باشقۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنى پارتىيەۋىلىك. پارتىيەۋىلىكى كۈچلۈك بولۇپ، شەخسىي غەرەزنى چۆرۈپ تاشلىغاندىلا، ئاندىن سىياسىي نەتىجە قارىشىدا ئېغىش كۆرۈلمەسلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. كوممۇنىستلار شۇنى ئېسىدە چىڭ ساقلىشى كېرەككى، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە. بىز خىزمەتلەرنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا، چوقۇم جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى بەھرىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلىشىمىز كېرەك. ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش دېگەن نېمە، بۇنى ئاممىنىڭ بىۋاسىتە ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ ئويلىشىش كېرەك، سۇبيېكتىپ پەرەز بىلەن ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدۇ، ئاددىيلاشتۇرۇشقا، بىر تەرەپلىمىلەشتۈرۈشكە بولمايدۇ. قەيەردە خەلقنىڭ ئېھتىياجى بولسا، شۇ يەردە ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلغىلى، شۇ يەردە نەتىجە ياراتقىلى بولىدۇ. نەتىجىنىڭ ياخشى بولغان - بولمىغانلىقىدا، ئاممىنىڭ ئەمەلىي تەسىراتىغا قاراش كېرەك، ئامما باھا بېرىشى كېرەك. بەزى ئىشلارنىڭ ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىدە، پەقەت ئاممىنىڭ كۆز ئالدىدىكى ئېھتىياجىغىلا قاراشقا بولمايدۇ، يەنە كېسەللىك ئاسارىتى قالامدۇ - يوق، «بىر مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئون ئەپسۇسلىنىش قالامدۇ - يوق» شۇنىڭغا قاراش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، بىز پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇشىمىز، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك، لېكىن يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەرەققىياتتا يېڭى ئاياغ كىيىپ كونا يولدا مېڭىشقا بولمايدۇ، چوقۇم يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. نەتىجىنىڭ ھەممىسى ئىشلەش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ، ھەقىقىي ئىشلىگەندىلا، ئاندىن نەتىجىنى ھەقىقىي ياراتقىلى، ھەقىقىي نەتىجە ياراتقىلى بولىدۇ. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، پارتىيەلىك كادىرلار چوقۇم ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىي تۆھپە قوشۇپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك، شوئار شەكلىدە، ئىپادە بىلدۈرۈش شەكلىدە، ئوراپ قاچىلاش شەكلىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. نۆۋەتتىكى جىددىي ئىشلارغا قارىتا، دەرھال ئورۇنلاشتۇرۇش، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىش، چىڭ تۇتۇپ تېز بېجىرىش كېرەك، ئېزىلەڭگۈلۈك، سۆرەلمىلىك قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپىلەرگە قارىتا، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە ۋە سەۋرچانلىقنى ساقلاپ، بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش، تامچە سۇ تاشنى تېشىش روھى بىلەن بوشاشماي كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. دەل جايىدا بولۇش تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پىلان تۈزگەندە ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش ئىگىلەش، مەشغۇلات قىلغاندا ئىنچىكە، دەل ۋە ئورۇنلۇق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، كەشتە تىكىش ماھارىتى بىلەن خىزمەتلەرنى پۇختا، جايىدا ئىشلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ياش كادىرلار رەھبەرلىك خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشتا، ئىگىلەشكە تېگىشلىك ماھارەت ناھايىتى كۆپ. ئەڭ تۈپ ماھارەت نەزەرىيەۋى ساپا. ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇل خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئالاھىدە ماھارەت، بىزنىڭ دۇنيانى تونۇشىمىز، دۇنيانى ئۆزگەرتىشىمىزگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال. پارتىيەلىك كادىرلار چوقۇم نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، نەزەرىيە ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئاڭلىق ھالدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق يېڭى ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى توغرا يۆنىلىشكە قاراپ، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەت بويىچە ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ھەقىقىي بىلىم ئىگىلەش، چىن مەنىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، چېنىقىشنى كۈچەيتىش، قابىلىيەتنى ئاشۇرۇش كېرەك. بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ كەمتەر، ئىجتىھاتچان بولۇش، «باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى» بولۇشقا رازى بولۇش، بىلمىسە سوراش، سوراشتىن خىجىل بولماسلىق كېرەك، سۇبيېكتىپ پەرەز بىلەن ھۆكۈم چىقىرىش، بىلمەي تۇرۇپ بىلىدىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ۋە كۈرەش قىلىش روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرغاندىلا، ئاندىن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشاننى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ۋە كۈرەش قىلىش بىر خىل روھ، ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى شەخسىيەتسىز پەزىلەت ۋە قورقماس جاسارەت. شەخسىيەتسىز كىشىلەر قورقماس كېلىدۇ، قورقماس كىشىلەرلا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالالايدۇ، كۈرەش قىلالايدۇ. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ۋە كۈرەش قىلىش بىر خىل مەسئۇلىيەت، مەسئۇل بولۇشقا جۈرئەت قىلغانلىق مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئالغانلىق، ھەقىقىي كۈرەش قىلغانلىق بولىدۇ. پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇرسەت ئالدىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈشى، ئىككىلەنمەسلىكى، قاراپ تۇرماسلىقى؛ قىيىنچىلىق ئالدىدا قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، باشقىلارغا ئىتتىرمەسلىكى، ئۆزىنى قاچۇرماسلىقى؛ خەۋپ - خەتەر ئالدىدا پائال تاقابىل تۇرۇشى، ئارىسالدى بولماسلىقى، ئۆزىنى قاچۇرماسلىقى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ۋە كۈرەش قىلىش بىر خىل ئەندىزە، قىسمەنلىكنى پۈتۈن ۋەزىيەتكە بويسۇندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئومۇمىي ۋەزىيەت ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش تېخىمۇ قىممەتلىك. «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبكە پۈكۈپ، پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ مەسىلىلەرنى ئويلاش، ئىش بېجىرىش، بارلىق خىزمەتلەردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالدىنقى شەرت قىلىش كېرەك، قىسمەن مەنپەئەتنى دەپ ئومۇمىي مەنپەئەتكە زىيان سالماسلىق، ۋاقىتلىق مەنپەئەتنى دەپ تۈپ مەنپەئەت ۋە ئۇزاق كەلگۈسى مەنپەئەتكە زىيان سالماسلىق كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىللاردا، بىز جەزمەن نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق قىلىشنى تەكىتلىدۇق، دەل مۇشۇنداق ئىدىيەۋى تەييارلىق بولغاچقا، بىز ئاندىن بىر قاتار خەۋپ - خەتەر ۋە سىناقلارغا بىمالال تاقابىل تۇرالىدۇق. سانسىزلىغان پاكىتلار بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، پەقەت رەقىبلەر تار يولدا ئۇچراشقاندا باتۇرلۇق كۆرسەتكىنى يېڭىدۇ، دەيدىغان جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولغاندىلا، بىز ئاندىن ئىززەت - ھۆرمەتكە ئېرىشىپ، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغدىيالايمىز. ياش كادىرلار چوقۇم قەددىنى رۇسلاپ، ئاتاكىدا ئالدىدا مېڭىپ، كۈرەش قىلىش داۋامىدا بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈپ، كۆپ ئىشلارنى كۆرۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىر قاتار مەركەزلىك ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇردۇق، بۇنىڭدىكى مۇھىم مەقسەت پۈتۈن پارتىيەنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قانداق پارتىيە، نېمە ئىش قىلىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ خەلق بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەشتىن ئىبارەت. پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئالدى بىلەن ئاممىغا مېھىر - مۇھەببەت باغلاپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆزىنى ئاممىنىڭ بىر ئەزاسى دەپ بىلىش، ئاممىنىڭ ئىشىنى ئۆزىنىڭ ئىشى دەپ بىلىش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتە ئاممىۋى خىزمەتنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ۋە دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئاممىۋى خىزمەت ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ئاممىۋى خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەرزىيەت ئىشىك ئالدىمىزغا كېلىدىغان ئاممىۋى خىزمەت، ئەرزىيەت يولى ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئارزۇسى ۋە دەۋا - تەلىپىنى ئېنىقلاپ، خىزمەتتىكى پەرق ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، ئۇنى ياخشىلاپ، ئامما ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار تور ئۆگىنىپ، تورنى چۈشىنىپ، توردىن پايدىلىنىپ، ئامما ئويلاۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارنى ئىگىلەپ، ياخشى ئوي - پىكىر، ياخشى تەكلىپلەرنى توپلاپ، تور ئەھلى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك. يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان كىشىلەر توپىنى ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە ئۇيۇشتۇرۇش، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  چېن شى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىگە ياش كادىرلاردىن كۈتىدىغان سەمىمىي ئۈمىد مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، كەڭ ياش كادىرلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە قەلبلەرگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى يۈكسەك ئاڭلىقلىققا ئايلاندۇرۇپ، جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ، خۇاڭ كۇنمىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  2022 - يىلى ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىلىق مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ كۇرسانتلىرى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى، مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا سىرتتىن قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ