مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 37 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

​جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، دۆلىتىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش كېرەك

2022.02.28 10:08 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولى توغرىسىدا 37 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ بوشاشماس ئىنتىلىشى. پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخىغا پارتىيەنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش، كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش، كىشىلىك ھوقۇقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى سىڭگەن. دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى، بىز كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى يولداش لۇ گۇاڭجىن بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بەردى، خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇزاكىرە قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ بوشاشماس ئىنتىلىشى. پارتىيەمىز قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپلا «دېموكراتىيەنى قولغا كەلتۈرۈش، كىشىلىك ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش» بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۆلەتنى قۇتقۇزۇش، خەلقنى قۇتقۇزۇش، كىشىلىك ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش تەشەببۇسىنى ئېنىق ئېلان قىلدى. يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلىدە، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش مەزگىلىدە، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى مەزگىلىدە، پارتىيەمىز جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى مەھكەم ئىگىلەپ، خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى، جۇڭگو خەلقى دۆلەت، جەمئىيەت ۋە ئۆز تەقدىرىنىڭ ئىگىسىگە ئايلاندى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى ۋە باشقا تۈرلۈك ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق. بىز بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساس سالدۇق. بىز پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇق قانۇنچىللىق كاپالىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى قەتئىي قوغدىدۇق، خەلق تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك دېموكراتىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولدى. بىز تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ مائارىپ سىستېمىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى، داۋالاش - سەھىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى سۈپىتىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلىدۇق. بىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدىدۇق. بىز پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتى ۋە دىن سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈردۇق. بىز قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تىنچ - ئامان جۇڭگو، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغدىدۇق. دۆلىتىمىز دۇنيادىكى بىردىنبىر تۆت قارار دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانىنى سىجىل تۈزگەن ۋە يولغا قويغان مۇھىم چوڭ دۆلەت. بىز يەر شارىۋى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن جۇڭگو تۆھپىسىنى قوشتۇق، جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئەمەلىيىتىدە، بىز ماركسىزملىق كىشىلىك ھوقۇق قارىشىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلاشقان، ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىنى ئاچتۇق. بىرىنچى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇردۇق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ سوتسىيالىستىك خاراكتېرىنى بەلگىلىگەن، بىزنىڭ خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقتىن باراۋەر ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز، ياخشى قوغدىشىمىز، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىزنى بەلگىلىگەن. ئىككىنچى، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇردۇق. خەلقچىللىق جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. بىز خەلقنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، خەلقنى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق قاتناشقۇچىلىرى، ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرى، مەنپەئەتلەنگۈچىلىرىگە ئايلاندۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىدا تېخىمۇ روشەن بولغان ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي تۈرتكە بولدۇق. ئۈچىنچى، دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇردۇق. بىز كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمىي پىرىنسىپىنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە خەلقنىڭ تەلىپىنى چىقىش قىلىپ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ قانۇن بويىچە كەڭ، تولۇق، ھەقىقىي، كونكرېت، ئۈنۈملۈك، ئەسقاتىدىغان كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. تۆتىنچى، ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى باش ئورۇنغا قويۇلغان ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقتا چىڭ تۇردۇق. ياشاش بارلىق كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ ئاساسى، خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق. بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى بەھرىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر بولغان تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردۇق، تەرەققىيات داۋامىدا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ يېتەرلىك بولدى، تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولدى. بەشىنچى، كىشىلىك ھوقۇقنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشتە چىڭ تۇردۇق. بىز قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشنى قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، ھوقۇق ئادىل بولۇش، پۇرسەت ئادىل بولۇش، قائىدە ئادىل بولۇش قانۇن - تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مال - مۈلۈك ھوقۇقى، كىشىلىك قەدىر - قىممەت ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ دېموكراتىك سايلام، دېموكراتىك كېڭىشىش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك باشقۇرۇش، دېموكراتىك نازارەت قىلىشقا قاتنىشىش قاتارلىق ئاساسىي سىياسىي ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، مۇھىت قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇق قانۇنچىللىق كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق. ئالتىنچى، يەر شارىۋى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىشتا چىڭ تۇردۇق. بىز پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدۇق. يۇقىرىدىكى ئالتە نۇقتا ھەم جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى، ھەم بىز دۆلىتىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەلىيىتىدە قولغا كەلتۈرگەن قىممەتلىك تەجرىبە بولۇپ، يېڭى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۈزلۈكسىز تۈردە ياخشى چىڭ تۇرۇشىمىز، ياخشى راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان كۆپ تەرەپتىكى ھوقۇق ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، دېموكراتىك قانۇنچىللىق، ئىدىيە - مەدەنىيەت، ئادىللىق - ھەققانىيلىق، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، مۇھىت قوغداش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىم تەقسىماتى، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالىنىش، تۇرالغۇ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، بالىلارنى بېقىش قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىك، جەمئىيەت مەدەنىيلىكى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كىشىلىك ھوقۇق قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇق قانۇنچىللىق كاپالىتى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەتلەش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىشنى پۈتۈن زەنجىرلىك، پۈتكۈل جەريانلىق، ھەر تەرەپلىمە قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئاممىسىغا ھەربىر تۈرلۈك قانۇن - تۈزۈم، ھەربىر قانۇن ئىجرا قىلىش قارارى، ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدىن ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ پىلانلاپ ۋە ھەل قىلىپ، قانۇن بويىچە خەلق ئاممىسىنىڭ دەۋا - تەلىپىگە ئادىل مۇئامىلە قىلىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئادىل بولماسلىق سەۋەبىدىن خەلق ئاممىسىنىڭ ھېسسىياتىغا ئازار بېرىدىغان، خەلق ئاممىسىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنىڭ يۈزبېرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزىدىغان بارلىق قىلمىشلارنى، ئاممىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈش مەسىلىسىگە پەرۋاسىز قارايدىغان، كارى بولمايدىغان بارلىق ھادىسىلەرنى جەزمەن ئىنتىزام بويىچە، قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: توغرا بولغان كىشىلىك ھوقۇق قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشۋىقاتى ۋە بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك. بارلىق خەلق، بولۇپمۇ كەڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ماركسىزملىق كىشىلىك ھوقۇق قارىشى، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق قارىشى تەربىيەسىنى خەلق مائارىپى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈش كېرەك. ھۆكۈمەت خادىملىرى، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى مەمۇرلارغا قارىتا كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاياللار، بالىلار، ياشانغانلار، مېيىپلەر قاتارلىق مۇئەييەن كىشىلەر توپىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلىتىمىز كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە تايىنىپ، ئىجادىي ئۇقۇمنى تاۋلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پەن سىستېمىسى، ئىلىم سىستېمىسى، سۆز سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. كىشىلىك ھوقۇق ئاقىللار ئامبىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نەزەرىيەدە پۇختا، ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن، خەلقئارا قائىدىلەرگە پىششىق، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھېكايىلىرىنى سۆزلىيەلەيدىغان بىر تۈركۈم يۇقىرى دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلەر قوشۇنىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يەر شارىۋى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ئىشىنىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يەر شارىۋى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، ھەققانىي، مۇۋاپىق، سىغدۇرۇشچان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، ئىجابىي رولنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كىشىلىك ھوقۇق تارىخىي بولىدۇ، كونكرېت بولىدۇ، ئەمەلىي بولىدۇ، ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ جەمئىيەت، سىياسىي شارائىتى ۋە تارىخىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىن ئايرىلغان ھالدا كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا قۇرۇق گەپ سېتىشقا بولمايدۇ. بىر دۆلەتتە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بار - يوقلۇقىغا باھا بېرىشتە، باشقا دۆلەتنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچەشكە بولمايدۇ، قوش ئۆلچەم قوللىنىشقا، ھەتتا كىشىلىك ھوقۇقنى باشقا دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىدىغان سىياسىي قورال قىلىۋېلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھېكايىلىرىنى كۈچەپ ياخشى سۆزلەپ، ئوبرازلاشتۇرۇلغان، كونكرېتلاشتۇرۇلغان ئىپادىلەش شەكلىنى قوللىنىپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق قارىشىنىڭ جەلپكارلىقى، تەسىر قىلىش كۈچى، تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى دۆلىتىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ھەقىقىي تۈردە دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار ماركسىزملىق كىشىلىك ھوقۇق قارىشى، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق قارىشىنى ئاڭلىق ھالدا ئۆگىنىپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ساھەلەر كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ