مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، شۇجىچۇنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا خىزمىتىدىن مەلۇمات بەردى

شى جىنپىڭ خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش دوكلاتىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقتى ھەم مۇھىم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

2022.03.02 09:12 مەنبە: خەلق تورى

  ■ بۇ يىل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىگە كىرگەن مۇھىم بىر يىل، پارتىيەمىز 20 ـ قۇرۇلتىيىنى ئاچىدۇ. پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى دەل جايىدا چۈشىنىپ، باشتىن ـ ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ فاڭجېن ـ سىياسەتلىرى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان ساھە، مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان تارماقلارنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئىجرا قىلىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پاك ـ دۇرۇس بولۇش سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك. تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەر ۋاقىت پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنى مۇھىم بىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، شۇجىچۇنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىلىرى ھەر يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا خىزمىتىدىن يازما مەلۇمات بېرىدۇ. يېقىندا ئالاقىدار يولداشلار بەلگىلىمە بويىچە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا خىزمىتىدىن يازما مەلۇمات بەردى. شى جىنپىڭ خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش دوكلاتىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقتى ھەم مۇھىم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىگە كىرگەن مۇھىم بىر يىل، پارتىيەمىز 20 ـ قۇرۇلتىيىنى ئاچىدۇ. پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى دەل جايىدا چۈشىنىپ، باشتىن ـ ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ فاڭجېن ـ سىياسەتلىرى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان ساھە، مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان تارماقلارنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئىجرا قىلىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پاك ـ دۇرۇس بولۇش سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك. تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەر ۋاقىت پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنى مۇھىم بىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  ئالاقىدار يولداشلار 2021 ـ يىللىق مەركىزىي خىزمەت ۋە ئاساسىي ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە ئەسىر يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، «14 ـ بەش يىل»دا ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش دوكلاتى يېزىپ، تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تەھلىل قىلىپ، تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاساسلىقى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بىرىنچى، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»تىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا باشتىن ـ ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزم «ئوقى» ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى جۇڭگودىن ئىبارەت «نىشان»نى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئاڭلىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي تەشەببۇسكارلىقىنى ئىگىلەش كېرەك.

  ئۈچىنچى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۈرەش قىلىش روھى ۋە كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، تۈرگە ئايرىپ دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان ساھەدىكى خىزمەتلەرنى پائال تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان مەسئۇلىيەت ـ ۋەزىپىنى ئەستايىدىل تاماملاش كېرەك.

  تۆتىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان ساھەدە پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

  بەشىنچى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇش، پاك ـ تەلەپچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئىمتىياز ئىدىيەسىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى ۋە ئەتراپىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى قاتتىق تەربىيەلەپ، باشقۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ نازارىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ