مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20-يىغىنى ئېچىلدى

ۋاڭ ياڭ قاتناشتى

2022.03.03 09:49 مەنبە: خەلق تورى

  سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20-يىغىنى 3–ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

  يىغىندا سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى (لايىھە)، دائىمىي كومىتېتنىڭ سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4- يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات (لايىھە)نى تەييارلاش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىزاھات ۋە ئالاقىدار كادىرلار ئىشلىرى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ 2021-يىللىق خىزمەتلىرى توغرىسىدىكى دوكلاتى قاتارلىقلار ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چىڭلى ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى لى بىن قاتارلىقلار ئالاقىدار قارالمىلار توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ليۇ چىباۋ، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى. بۇ قېتىمقى يىغىن «نەق مەيدان يىغىنى + سىن يىغىنى» شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدا ئاساسىي يىغىن مەيدانى، شېنجېندا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ