مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ قوراللىق ساقچى قىسىم شاڭخەي شەھەرلىك باش ئەترىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 4 - تارماق ئەترىتىنىڭ 10 - ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، مەڭگۈ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى

2022.03.04 08:38 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا قوراللىق ساقچى قىسىم شاڭخەي شەھەرلىك باش ئەترىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 4 - تارماق ئەترىتىنىڭ 10 - ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى سەمىمىي رىغبەتلەندۈردى.

  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق بىلدۈردى: سىلەر «نەنجىڭ يولىدىكى ياخشى 8 - ليەن»نىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ساداقەتمەنلىكنى پۈتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇدا 20 نەچچە يىل پارتىيە 1 - قۇرۇلتىيى يىغىن ئورنىدا پارتىيە تارىخىنى خالىس چۈشەندۈرۈپ، پارتىيە نەزەرىيەسىنى تارقىتىپ، ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلدىڭلار. مەن سىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجەڭلەردىن خۇشال بولدۇم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يولداشلارنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئاڭلىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى «رەڭگارەڭ چىراغ ئاستىدىكى قاراۋۇل»لۇقنى ياخشى قىلىپ، مەڭگۈ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  قوراللىق ساقچى قىسىم شاڭخەي شەھەرلىك باش ئەترىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 4 - تارماق ئەترىتىنىڭ 10 - ئوتتۇرا ئەترىتى 1952 - يىلى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن تايانچلاردىن تاللاپ تەشكىللىنىپ قۇرۇلغان، 1982 - يىلى «نەنجىڭ يولىدىكى ياخشى 8 - لىيەن»نىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغان. 1998 - يىلىدىن باشلاپ، ئوتتۇرا ئەترەتتىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ھەپتە ئاخىرى ۋە بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايغا قوشنا بولغان پارتىيە 1 - قۇرۇلتىيى يىغىن ئورنىدا پارتىيە تارىخىنى خالىس چۈشەندۈردى، جەمئىي 76 مىڭ مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق چۈشەندۈرگەن بولۇپ، ئاڭلىغۇچىلار 4 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. بۇ ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشى قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شەرەپ بىلەن ئۈچ قېتىم كوللېكتىپ 1 - دەرىجىلىك، 11 قېتىم 2 - دەرىجىلىك، 19 قېتىم 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، 17 تۈردە شەرەپ بىلەن دۆلەت دەرىجىلىك ۋە ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاشقا ئېرىشتى، 2021 - يىلى «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ساداقەتمەنلىكنى تاۋلاشتىكى نەمۇنىلىك ئوتتۇرا ئەترەت» دەپ مەملىكەت بويىچە ئۈلگە قىلىپ بېكىتىلدى. يېقىندا، ئوتتۇرا ئەترەتتىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر شى جۇشىغا خەت يېزىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى دوكلات قىلىپ، شى جۇشىنىڭ يوليورۇقى، تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىشتەك قەتئىي ئېتىقادى ۋە ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ