مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋىۋىسكا ئازايتىلىپ، مۇلازىمەت سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى

2022.03.02 21:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «گەرچە ھەممەيلەن پەقەت ‹ۋىۋىسكا ئېسىپ، تۈزۈمنى تامغا چاپلاش›قا تايىنىپلا خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ شەكىلۋازلىق ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، لېكىن ۋىۋىسكىنى ئېلىۋەتكەندە، يىللىق باھالاشتىن ئۆتەلمەسلىكتىن قورقىدۇ.» يېقىندا «جۇڭگو ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گېزىتى»نىڭ مەتبۇئات ماقالىسىدە خېنەن ئۆلكىسى خېبى شەھىرى چىشيەن ناھىيەسى شىتەن مەھەللىسىدىكى بىر ئاھالىلەر كومىتېتىدا شەكىلۋازلىق قىلىپ، ۋىۋىسكىنى كۆپ ئېسىش مەسىلىسى كۆرسىتىلدى، بىر يىلدىن كۆپرەك مەخسۇس تۈزەش ئارقىلىق، ئەسلىدە ماتېرىيالى ھەر خىل 99 پارچە ۋىۋىسكا ئېسىلغان بولسا، تۈزەلگەندىن كېيىن پەقەت تۆتلا ۋىۋىسكا قالدۇرۇلۇپ، ۋىۋىسكىنىڭ ئارقىسىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ئىستىلى ھەل قىلىنىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ يۈكى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىلدى.

  «قاتمۇقات ۋىۋىسكا تەسىس قىلىش»، «تامغا توشقۇچە ۋىۋىسكا ئېسىش» ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ بېشىنى ئاغرىتتى، ئاممىنى بىزار قىلدى. بەزىلىرى «پەقەت ۋىۋىسكا ئېسىپ ئىش قىلماي»، ۋىۋىسكا بار، مۇلازىمەت يوق، تۈزۈم تامغا چاپلانسىمۇ، كۆڭۈل قويماسلىق كۆرۈلدى؛ بەزىلەر «خىزمەتنى ياخشى قىلدىمۇ، دېگەنگە باھا بېرىشتە ئالدى بىلەن ۋىۋىسكىنىڭ ئېسىلغان-ئېسىلمىغانلىقىغا قاراش»نى ئاساس قىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سۆلەتۋازلىق قىلدى؛ بەزىلەر، يۇقىرىدا ۋىۋىسكا بار بولسا، ئاساسىي قاتلامنىڭ ۋىۋىسكىسىمۇ بولۇشى كېرەك، دېگەن قاراشتا بولۇپ، ئۆز پېتى كۆچۈرۈپ كېلىپ، يۇقىرى-تۆۋەن ئوخشاش بولۇشقا ئېسىلىۋالدى؛ يەنە بەزىلىرى ۋىۋىسكا ئېسىشنى خىزمەت خىراجىتىنى قولغا كەلتۈرۈش، تۈر ئېلىش ۋاسىتىسى قىلىۋالدى... ھەر خىل ئىشخانا، ئورۇن، پونكىت، مەركەز، جەمئىيەت نامىدىكى ھەر خىل ئىشىك تاختىلىرىنى بېزەشتىن، «بىر ئىشخانىغا كۆپ ۋىۋىسكا ئېسىلىش»قىچە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش قىيىن بولۇپ، ھەم مەبلەغ، مال-مۈلۈكنى خورىتىپ، ھەم ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ خىزمەت زېھنىنى چېچىۋەتتى.

  ۋىۋىسكا مەسئۇلىيەتتىن دېرەك بېرىدۇ. ئىش بېجىرىش سورۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ۋىۋىسكىلارنى ئېسىشتىكى مەقسەت سالاھىيىتىنى ئېنىق ئىپادىلەش، مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، لېكىن كەنت، مەھەللە كادىرلىرىدا ئادەم سانى چەكلىك، ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان ۋىۋىسكىلار ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان ۋەزىپىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، نۇرغۇن كەنت، مەھەللىنى «ھەممىگە قادىر كومىتېتقا ئايلاندۇرۇپ»، خۇددى تايچاققا چوڭ ھارۋىنى سۆرەتكەنگە ئوخشاش ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىنى كۆتۈرەلمەيدىغان، سۆرىيەلمەيدىغان قىلىپ قويۇپ، بىر ئادەم بىر مۇنچە قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان، خىزمەتچىلەرنى ئېغىر يۈككە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان قىلىپ قويدى، شۇنداقلا ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، ئاممىغا كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان بەخت-سائادەت ئېلىپ كېلىش تەس بولدى. زۆرۈر بولمىغان ۋىۋىسكىلارنى ئېلىۋېتىپ، ئورۇنسىز يۈكتىن قۇتۇلۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى يەڭگىل جابدۇندۇرغاندىلا، ئاندىن مەمۇرىيەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش خىزمىتىگە ئاتلاندۇرغىلى بولىدۇ.

  ۋىۋىسكىلارنى تامدىن ئېلىۋېتىپ، مۇلازىمەتكە كۆڭۈل قويۇش لازىم. ۋىۋىسكا كۆپ بولۇش مەسىلىسىنى تۈزەش ھەرگىزمۇ مەسئۇلىيەتتىن قېچىش ئەمەس، بەلكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ناچار ئىستىلىنى تۈزىتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى زۆرۈر يېنىكلىتىش، شۇنداقلا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئورنىغا قايتۇرۇشقا قىستاپ، ئاممىنى ھەقىقىي تۈردە كۆڭلىگە پۈكۈش ھەم مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان قىلىشتۇر. ۋىۋىسكا ئازىيىپ، مۇلازىمەت يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.» ئىسمى بار، جىسمى يوق قۇرۇق سۆلەتۋاز ۋىۋىسكىنى ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇشتا ھەم ۋىۋىسكىنى قەتئىي ئېلىپ تاشلاپ، ۋىۋىسكا ئېسىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، ھەم كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ۋە ئاممىنىڭ پىكرىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، خىزمەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بۇزۇش بىلەن قۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەمۇرىيەتتە ھۇرۇنلۇق قىلىش ھادىسىسىنى تۈزىتىپ، ۋىۋىسكىنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي قىممىتىگە قايتۇرۇش كېرەك. ئاممىنىڭ رايىغا بېقىپ ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىنتىلگەندىلا، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ كۆڭلى ئارام تاپىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ