جاۋاب خەت
ساۋاقداش يىمىڭ:
ياخشىمۇسىز، خېتىڭىزنى تاپشۇرۇۋالدىم. سىز ۋە جۇڭگو قار-مۇز تەنھەرىكىتى ئەزىمەتلىرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانىدا باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشىپ، ئۆز-ئۆزۈڭلاردىن ھالقىپ، ئەلا نەتىجىلەرگە ئېرىشتىڭلار. سىلەرنى تەبرىكلەيمەن! سىلەرگە ئالقىش ياڭرىتىمەن!
سىز خېتىڭىزدە ئۆزىڭىزنىڭ بىر ئۇلۇغ دۆلەتتە تۇغۇلغانلىقىڭىزنى، ئەڭ ياخشى دەۋردە ئۆسۈپ چوڭ بولغانلىقىڭىزنى، تىرىشچانلىقىڭىز ئارقىلىق ئۆز ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىڭىزنى، ناھايىتى تەلەيلىك ھېس قىلىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىپسىز. يېڭى دەۋر ئارزۇ قوغلاشقۇچىلارنىڭ دەۋرى، شۇنداقلا كەڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان دەۋر. سىلەرنىڭ ۋەتەنگە رىشتە باغلاپ، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، ئەستايىدىل پۇختا بولۇپ، كۈرەش داۋامىدا ئېسىل كىشىلىك ھايات يارىتىپ، ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن ياشلىق باھارىڭلار ۋە كۈچۈڭلارنى تەقدىم قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ
2022-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئاينىڭ 24-كۈنى جۇڭگونىڭ يەككە تاختىدا قار تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى سۇ يىمىڭغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇنىڭ ۋە جۇڭگو قار-مۇز تەنھەرىكىتى ئەزىمەتلىرىنىڭ ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلىدى ھەمدە سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: سىز ۋە جۇڭگونىڭ قار-مۇز ئەزىمەتلىرى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانىدا جاسارەت بىلەن ئېلىشىپ، ئۆزۈڭلاردىن ھالقىپ، ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردىڭلار. مەن سىلەرنى تەبرىكلەيمەن! سىلەرنى ئالقىشلايمەن!
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىز خېتىڭىزدە ئۇلۇغ بىر دۆلەتتە تۇغۇلۇپ، ئەڭ ياخشى بىر دەۋردە ئۆسۈپ يېتىلدىم، تىرىشىش ئارقىلىق ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى ناھايىتى تەلەيلىك ھېس قىلىمەن، دەپسىىز. يېڭى دەۋر ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر دەۋرى، شۇنداقلا ياشلار-ئۆسمۈرلەر ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان دەۋر. سىلەرنىڭ ۋەتەنگە رىشتە باغلاپ، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، ئەستايىدىل پۇختا بولۇپ، كۈرەش داۋامىدا ئېسىل كىشىلىك ھايات يارىتىپ، ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن ياشلىق باھارىڭلار ۋە كۈچۈڭلارنى تەقدىم قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
يېقىندا، سۇ يىمىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، باش شۇجىنىڭ تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، ئۆزىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كۈرەش مۇساپىسىنى دوكلات قىلىپ، داۋاملىق تىرىشىپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى