مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

مەسىلە ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتا ۋە ئاچقۇچنى ئىگىلەپ، مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈزۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك

2022.02.24 15:42 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خەن جېڭ 22-فېۋرال مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ج ك پ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، 2- نۆۋەتلىك 5-تۈركۈمدىكى مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش دوكلاتى قاراپ چىقىلدى، تەتقىقات مىنىستىرلىقى 2-قېتىملىق 6-تۈركۈمدىكى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى نازارەت قىلىشىنى قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم، زور ئىسلاھات تەدبىرى. تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يېشىل تەرەققىيات، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى نازارەت قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى نەتىجە ۋە تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، قوللىنىپ، ئومۇمىيەتنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، مەسىلە ئارقىلىق يېتەكلەشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتا ۋە ئاچقۇچنى ئىگىلەپ، مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈزۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك. قاتتىق رىتىمدا چىڭ تۇرۇپ، نوچىلارغا تېگىشكە جۈرئەت قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغان، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئاخىرغىچە تۇتۇپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، كۈچلۈك چۆچۈتۈش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئۈنۈملۈك خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئامما پاش قىلغان مەسىلىلەرگە ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بېسىمنى سىجىل يەتكۈزۈپ، نازارەت قىلىپ تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى كەم - كوتسىز تاماملاش كېرەك. كۆپچىلىك پىكرى نازارەتچىلىكىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىر تۈركۈم تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئاشكارىلاپ، مەسىلىلەرنىڭ تەلتۆكۈس ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، دەل جايىدا، ئىلمىي، قانۇن بويىچە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ،6-تۈركۈمدىكى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ ياخشى ئىشلەپ، 2 - نۆۋەتلىك مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى تاماملاش كېرەك.

  مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ