مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2022.02.25 23:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خەن جېڭ 2-ئاينىڭ 24-كۈنى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3-قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2021-يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەپ، ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى قاراپ چىقىپ، 2022-يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىرى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى تەرەپلەر ئورتاق تىرىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئومۇمىي تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، «بەشنى بىرتۇتاش پىلانلاش»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق دۆلەت، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق تۈرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى چىڭ، ئەمەلىي تۇتۇش كېرەك. خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، تۈزۈم ۋە مېخانىزم ئورنىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چوڭ-چوڭ تۈرلەرنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش ۋە خەۋپ-خەتەرنى ئالدىن تەتقىق قىلىش، ئالدىن ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تورىنى زىچ، پۇختا توقۇش كېرەك. تۈر قۇرۇلۇشىنى پۇختا، ياخشى تۇتۇپ، ئەلا سۈپەتلىك بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش بەرپا قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ دۆلەت، ئامما ئورتاق قۇرىدىغان ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ياخشى ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى يارىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى دۆلەتنىڭ رايون مۇھىم ئىستراتېگىيەسى، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك. جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشى ۋە ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ياڭ جيېچى، خۇ چۈنخۇا، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، خې لىفېڭ ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ھەم ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ