مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلەر يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2022.02.24 15:43 مەنبە: خەلق تورى

  سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى رەئىسلەر كېڭىشىنىڭ 66-قېتىملىق يىغىنى 23-فېۋرال بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىنى ياخشى ئېچىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يىغىننىڭ تۈرلۈك تەشكىلىي تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك تۇتۇپ، قاراتمىلىق ھالدا ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەپ، يىغىننىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاكتىپ كۈچ چىقىرىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىدۇ، خەلق سىياسىي كېڭىشى بىرلىكسەپ تەشكىلاتىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئەزالار دەرسخانىسى، زور مەخسۇس تۈر خىزمىتى بويىچە ئەزالار لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى، «ئەزالار سۆزلىرى» ، سىياسىي كېڭەش بىلىم يۇرتى قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ، ئەزالارنىڭ ئۆز كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقنىڭ ھېكايىلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. دىققەتنى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى» ۋە خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىدىن بۇيانقى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، «قايتا قاراپ چىقىش» نى قانات يايدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ، خىزمەتنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.

  يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2021 - يىلى« 14 - بەش يىللىق پىلان»نى يولغا قويۇشنى چۆرىدەپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىش يىغىنىنى قانات يايدۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئەزالارنىڭ ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى يازما قاراپ چىقىلدى. ۋاڭ بىن، ۋاڭ پېڭجيې، خەن يى، ۋېي يىخۇڭنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، 20-قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ ئىز قوغلاپ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى گو ۋېيمىن سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ ئاخبارات باياناتچىلىقىغا بېكىتىلدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چىڭلى، لى بىن قاتارلىقلار ئالاقىدار قارالمىلارنى يەتكۈزدى ۋە چۈشەندۈردى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ليۇ چىباۋ، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ