شى جىنپىڭ ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابېت IIگە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
2022.02.24 08:50 مەنبە: خەلق تورى
2 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابېت IIگە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئايال پادىشاھنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھال سورىدى ھەم ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: مەن جۇڭگو ـ ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، ئەنگلىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، بۇ يىل ئىككى دۆلەتنىڭ باش ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ