مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ نىرېر رەھبەرلىك كۈچى شۆيۈەنى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2022.02.25 09:42 مەنبە: خەلق تورى

  2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، نىرېر رەھبەرلىك كۈچى شۆيۈەنى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش مۇراسىمى تانزانىيەدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: تانزانىيە ئىنقىلاب پارتىيەسى، جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقىلىقلار مىللىي مەجلىسى، موزامبىك ئازادلىق سېپى پارتىيەسى، ئانگولا خەلق ئازادلىق ھەرىكىتى، نامىبىيە خەلق تەشكىلاتى پارتىيەسى، زىمبابۋې ئافرىقا مىللىي ئىتتىپاقى − ۋەتەنپەرۋەرلىك سېپى قاتارلىق جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئالتە ھەمشىرە پارتىيە بىرلىشىپ قۇرغان نىرېر رەھبەرلىك كۈچى شۆيۈەنى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش پەيتىدە، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇزاقتىن بۇيان، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئالتە ھەمشىرە پارتىيە ئۆز دۆلىتىدىكى خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، قۇرۇلۇشى، تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، خەلقنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشتى. نىرېر رەھبەرلىك كۈچى شۆيۈەنى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ئالتە ھەمشىرە پارتىيەسىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى مۇھىم سۇپا بىلەن تەمىنلەپ، ئالتە ھەمشىرە پارتىيەسىنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز دۆلىتىگە تېخىمۇ ياخشى رەھبەرلىك قىلىپ، تەرەققىيات، گۈللىنىش، ئۆز دۆلىتى خەلقىگە بەخت يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىرېر رەھبەرلىك كۈچى شۆيۈەنىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى پۇرسەت بىلىپ، ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەت پارتىيەلىرى بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشنى ئۆزئارا قوللاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ