مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك

2022.03.01 14:39 مەنبە: خەلق تورى

  2021-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى، مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «دۆلىتىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى» دەپ تەنتەنىلىك جاكارلاپ، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالپاقنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى» دەپ چوڭقۇر كۆرسىتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى ۋە رىغبەتلەندۈردى.

  بىر يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر قېتىم جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، يۇرتداشلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ قانداقلىقىغا كۆڭۈل بۆلدى. گۇاڭشىدا «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئاممىغا دائىملىق ياردەم بېرىش-يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش»نى تەلەپ قىلدى؛ چىڭخەيدە « نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ، يېشىللاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىپ، ئورگانىك خاس كەسىپلەرنى زورايتىش، كۈچەيتىش»نى تەكىتلىدى؛ سەنشىدە «زامانىۋىلىشىش __ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ياخشى جىپسىلاشتۇرۇپ، يېزا تۇرمۇشىنى زامانىۋىلىشىشقا يۈزلەندۈرۈشىمىز، ئاممىنى بارغانسېرى ئۈمىدۋار قىلىشىمىز كېرەك»... يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى، كەلكۈن تەبىئىي ئاپىتى قاتارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، يېزىلارنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا، دېھقانلارنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى مۇستەھكەملەندى ۋە كېڭەيدى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە ياخشى باشلىنىش بولدى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسى پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا پۇختا قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. لېكىن شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىش كېرەككى، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، شەھەر، يېزا، رايونلارنىڭ تەرەققىيات پەرقىنى كىچىكلىتىش، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ۋە ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ۋەزىپە يەنىلا ئېغىر، يول يىراق. ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە يەنىلا يېزىلاردا، ئەڭ كەڭ، ئەڭ چوڭقۇر ئاساس يەنىلا يېزىلاردا. يېزا ئىگىلىكى دۆلەتنىڭ ئاساسى، ئاساسمۇقىم بولغاندىلا دۆلەت تىنچ بولىدۇ. ھەرقانداق ۋاقىتتا يېزا ئىگىلىكىگە سەل قاراشقا، دېھقانلارنى ئۇنتۇپ قېلىشقا، يېزىلارغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدۇ. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك: «بىز چوڭ تارىخ قارىشى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىگە مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرىشىمىز كېرەك، <يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار> مەسىلىسىنى چوڭقۇر چۈشەنگەندىلا، ئاندىن پارتىيەمىز، دۆلىتىمىز، مىللىتىمىزنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيمىز». نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا يۆتكەلگەن بولسىمۇ، لېكىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسى تېخى مۇستەھكەم ئەمەس. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش رايونلىرىنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىپىسى ئالدىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، خىزمەتتە بوشلۇق قالدۇرماسلىق، سىياسەتتە بوشلۇق قالدۇرماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، نەتىجە-ئۈنۈمنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلغاندىلا، ئاندىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنىڭ تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ «يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش بولۇپ، سىجىل چىڭ، ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. پەقەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتقاندىلا، ئاندىن يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىقىنى ساقلاپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ھەرىكەتچان كۆزىتىپ ئۆلچەش، ياردەم قىلىش ۋە يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتىكى داۋاملاشما يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيىتىنى ھەقىقىي قوغداش ۋە مۇستەھكەملەش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ تەرەققىياتقا يەنىمۇ تايىنىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىشى، كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ خاس كەسىپلىرىنى مۇستەھكەملەپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ياردەم بېرىش-يۆلەش كەسىپلىرىنىڭ تېخنىكا، ئەسلىھە، ماركېتىڭ قاتارلىق كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىشىنى نۇقتىلىق قوللاپ، باشلامچىلىق، تۈرتكىلىك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ رايون تەرەققىيات پەرقىنى سىجىل كىچىكلىتىپ، تۆۋەن كىرىملىك نوپۇسلار ۋە تەرەققىي تاپمىغان رايونلارنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق، يېتىشتۈرۈۋېلىش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2022-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ خەلققە بەرگەن جاۋابى، شۇنداقلا دۇنياغا قوشقان تۆھپىسى. كۆپچىلىكنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشتە كۆز ئالدىمىزدىكى نەتىجىلەر بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالساق بولمايدۇ، ماڭىدىغان يولىمىز تېخى ئۇزۇن» دەپ تەكىتلىدى. مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ئاساسىنى ياخشى ساقلاپ، «تۇراقلاشتۇرغۇچ»لۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ ھوسۇلنى ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئاشۇرۇپ، يېزىلارنىڭ مۇقىملىقى، خاتىرجەملىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغاندىلا، بىز جەزمەن 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋە ئەسىر يۇقۇمىغا سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرالايمىز، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرەلەيمىز، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ