مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ ئالجىرىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى بۇگالى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2022.02.23 23:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 2-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا، سىن شەكلىدە ئالجىرىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى بۇگالى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئالجىرىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى مول تارىخىي مەزمۇن ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 64 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-ئالجىرىيە مۇناسىۋىتى باشتىن-ئاخىر مۇقىم تەرەققىي قىلىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى، بۇنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسى، دېيىشكە بولىدۇ. جۇڭگو ئالجىرىيە بىلەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە جۇڭگو-ئالجىرىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئالجىرىيە ئۇزاق مۇددەت ئۆزئارا قوللاپ، باراۋەر ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ يىمىرىلمەس قېرىنداشلارچە دوستلۇقى ھەسسىلەپ قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ، ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. بىرىنچىدىن، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-ئالجىرىيە مۇناسىۋىتىگە باشتىن-ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ، ئالجىرىيە تەرەپنىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو ئالجىرىيەنىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە قىممەتلىك قوللىغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، ئالجىرىيەنىڭ قەتئىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت. ئىككىنچى، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىغا بىرلەشتۈرۈپ، يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا تۈرتكە بولۇپ، مۇھىم، زور ئەمەلىي تۈرلەر ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز لازىم. ئۈچىنچى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 8-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا، ئافرىقىنى يەنە 1 مىليارد دانە ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. جۇڭگو تەرەپ بۇ تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى پائال ئادا قىلىۋاتىدۇ، ئالجىرىيە تەرەپنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىشىنى قوللاشنى خالايدۇ. تۆتىنچى، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان خەلقئارا سىستېمىنى، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغداپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئورتاق قوغدىشىمىز لازىم.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىسى جۇڭگو-ئالجىرىيە دوستلۇق ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن ئالجىرىيە خەلق پارلامېنتى دوستانە بېرىش-كېلىش ئەنئەنىسىنى ساقلاپ كەلمەكتە. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ سىستېما بويىچە ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە، يېزا ئىگىلىكى، مائارىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قانۇن چىقىرىش ۋە نازارەت قىلىش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، كۆپ تەرەپلىك پارلامېنت سورۇنلىرى ۋە ئىشلارنى ماسلاشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  بۇگالى مۇنداق دېدى: ئالجىرىيە-جۇڭگو دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشتى. ئالجىرىيە بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگونىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئالجىرىيە خەلق پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ دوستلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ