مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ يېڭى پارتىيەنىڭ رەئىسى ۋۇ چېڭديەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

2022.02.22 15:59 مەنبە: خەلق تورى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 21-چېسلا بېيجىڭدا يېڭى پارتىيەنىڭ رەئىسى ۋۇ چېڭديەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن سىنلىق كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالدى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بارلىق جۇڭگولۇقلارنىڭ ئورتاق مەيدانى، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق شەرىپى. تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەكىللەر بىلەن قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئاكتىپ قاتنىشىشى ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنىڭ جانلىق ئىپادىسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىدە تەيۋەنلىك قېرىنداشلار كەم قالسا بولمايدۇ ھەم كەم قالمايدۇ.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى پارتىيە ئۇزاقتىن بۇيان بايرىقى روشەن ھالدا دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوللاپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە كەلدى، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى قېرىنداشلار بۇنى كۆردى، كۆڭلىدە ساقلىدى. تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتى قانچە مۇرەككەپ ۋە كەسكىن بولغانسېرى مىللىي ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇشنىڭ قىممىتىنى شۇنچە گەۋدىلەندۈرگىلى بولىدۇ. تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ۋاقىت ۋە ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، پايدا-زىياننى ئېنىق تونۇپ، راست-يالغاننى پەرقلەندۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنىڭ تارىخىي چوڭ ۋەزىيەت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك قىلمىشى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، «مۇستەقىللىق»قا قارشى تۇرۇش، بىرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك سېپىنى مۇستەھكەملىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ۋۇ چېڭديەن چوڭ قۇرۇقلۇق تەرەپنىڭ تەكلىپىگە رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دېدى: ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار ئوخشاش تىل-يېزىققا ئىگە مىللەت، قان سۇدىن قويۇق، ئىككى قىرغاقنىڭ بىرلىككە كېلىش تارىخىي ۋەزىيىتىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش، سۆزلىشىش، ئالاقىلىشىش ئارقىلىق تەدرىجىي تىنچ بىرلىككە كېلىپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. خۇددى بېيجىڭ قىشلىق ئو ت م نىڭ باش تېمىسىدا كۆرسىتىلگەندەك، بىز «بىرلىكتە كەلگۈسىگە يۈزلىنەيلى»، يېڭى پارتىيە ئاۋانگارتلاردىن بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇساپىسىدە، ئىككى قىرغاق خەلقىگە مەنسۇپ ئۈمىد مەشئىلىنى ئورتاق تۇتاشتۇرايلى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ