شى جىنپىڭ بىرازىلىيەنىڭ رىئودې ژانېيرو ئىشتاتىدا قارا يامغۇر ئاپىتى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى بولسوناروغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
2022.02.21 11:44 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى بىرازىلىيەدىكى قارا يامغۇر ئاپىتىدە ئېغىر، زور تالاپەت كۆرۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى بولسوناروغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بىرازىلىيەنىڭ رىئودې ژانېيرو ئىشتاتىدا قارا يامغۇر ئاپىتى يۈزبېرىپ، ئېغىر، زور تالاپەت ۋە مال - مۈلۈك زىيىنى كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم، مەن قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغانلار ۋە يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن، ئاپەت رايونىدىكى خەلقتىن سەمىمىي ھال سورايمەن، يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ