مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى

2022.02.18 08:53 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى.

  ماكرون شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو خەلقىگە يولۋاس يىلىدىكى باھار بايرىمىلىق سالام يوللىدى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگو تەرەپنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئىنتايىن ئاسان ئەمەسلىكىنى، فىرانسىيە تەرەپنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى باشتىن - ئاخىر قوللىغانلىقى ھەم پۈتۈن كۈچى بىلەن داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ ماكرون ۋە فىرانسىيە خەلقىگە باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆز قەرەلىدە ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلگەنلىكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىنچلىققا، ئىتتىپاقلىققا، ئىلگىرىلەشكە تەلپۈنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. فىرانسىيە تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 2021 - يىلى بىز ئىككى قېتىم تېلېفونلىشىپ، ئىككى قېتىم جۇڭگو - فىرانسىيە - گېرمانىيە رەھبەرلىرىنىڭ سىنلىق باشلىقلار يىغىنىغا ئورتاق قاتنىشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولدۇق. بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىز مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بۇلتۇر ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى 80 مىليارد دوللاردىن ئاشتى، جۇڭگو تەرەپنىڭ فىرانسىيەدىن ئىمپورت قىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئومۇمىي سوممىسى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %40 ئاشتى، تۇنجى نۆۋەتلىك سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار مۇھاكىمە يىغىنى ۋە يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقى مۇھاكىمە يىغىنى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۆتكۈزۈلدى، تۇنجى بىرلەشمە تەجرىبىخانا تۈرىنى توپلاش كۆرسەتمىسى قەرەلىدە ئېلان قىلىندى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىجادىي ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى بىر يىلدا، جۇڭگو - فىرانسىيە ئىككى تەرەپ ئاكتىپ، ساغلام، ئالغا ئىنتىلىدىغان ئاساسىي رىتىمنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەرنىڭ سۆھبەتلىشىشى، ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، چۈشىنىش ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو - فىرانسىيە ھەمكارلىقىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل فىرانسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بۇيان، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياۋروپانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىش قىلدى. مەن جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ بىر - بىرىنى توغرا تونۇشتا چىڭ تۇرۇشى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، سۆھبەتلىشىپ ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدىم. جۇڭگو - ياۋروپا ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - ياۋروپا رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيە، ئىقتىساد - سودا، يېشىل تەرەققىيات، رەقەملىك ئىقتىساد، ئادىمىيەت ئالاقىسى توغرىسىدىكى يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبىتىنى ئورتاق ياخشى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو - ياۋروپا سېلىنما كېلىشىمىنىڭ تەستىقلىنىپ كۈچكە ئىگە بولۇش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى تەرەپ خەلقلىرىگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ.

  ماكرون مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەت جىددىيلىككە، داۋالغۇشقا تولدى، مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىدۇ. فىرانسىيە تەرەپ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان فىرانسىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ تېخنىكا، يېزا ئىگىلىكى، ئاۋىياتسىيە، يادرو ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن مەمنۇن، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، خادىملار ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، دوستلۇقنى، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، فىرانسىيە تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى ئاكتىپ قارالمىلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە ئورتاق تىرىشىپ، ياۋروپا - جۇڭگو رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ، ياۋروپا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ياۋروپا - جۇڭگو سېلىنما كېلىشىمىنىڭ تەستىقلىنىپ كۈچكە ئىگە بولۇشىنىڭ ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى توغرىسىدا كۆپ تۈرلۈك مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى:

  بىرىنچى، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى ۋە يەرلىك ئەۋزەل يېزا ئىگىلىك كەسپى ھەمكارلىقىنى بالدۇرراق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيەنىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئاشلىق مەھسۇلاتلىرى كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودا تىزىمغا ئالدۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ.

  ئىككىنچى، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ «يېشىل ياسىمىچىلىق ھەمكارلىق ھەمراھى» تەشەببۇسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قارشى تەرەپ كارخانىلىرىنىڭ دۆلىتىمىزدىكى تەرەققىياتىنى ئادىل، ھەققانىي، كەمسىتىش بولمىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.

  ئۈچىنچى، فىرانسىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ بانكا ۋە پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ خەلق پۇلى چېگرا ھالقىپ چىقىم قىلىش سىستېمىسىغا تۇتاشتۇرۇلۇشىنى قوللايمىز. جۇڭگو تەرەپ ئالاقىدار تەرتىپ ۋە ئۆلچەمگە ئاساسەن، فىرانسىيە مەبلىغىدىكى بانكىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە سالاھىيىتىگە ئالاقىدار ئىلتىماسىنى پائال تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ.

  تۆتىنچى، ئىككى دۆلەت ئاۋىياتسىيە كارخانىلىرىنىڭ كۆپ خىل شەكىلدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاپ، ئايروپىلانلارنىڭ ئۆزئارا ئۇچۇشقا ماس كېلىشىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئالغا سىلجىتىمىز.

  بەشىنچى، 3 - تەرەپ بازار ھەمكارلىقى بويىچە 4 - تۈركۈم ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرلىرى تىزىملىكىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىمىز.

  ئالتىنچى، جۇڭگو - فىرانسىيە ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەتلىشىش بوشلۇقى گۇرۇپپا يىغىنى، تور گۇرۇپپا يىغىنىنى بالدۇرراق ئۆتكۈزىمىز، قۇتۇپ، دېڭىز - ئوكيان سۆھبىتىنى قانات يايدۇرىمىز، ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى، ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىمىز.

  ماكرون ھازىرقى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى قارىشىنى تونۇشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئالاقىدار تەرەپلەر سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نورماندى مېخانىزمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ تەرەپلىك سۇپىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك.

  ئىككى تەرەپ يەنە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان باشقا مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ