مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى بىلەن جۇڭگو - ئارگېنتىنا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2022.02.21 11:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئارگېنتىنا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى فېرناندېس بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - ئارگېنتىنانىڭ دوستانە ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن بۇيان، جۇڭگو - ئارگېنتىنا مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، جۇڭگو - ئارگېنتىنا دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېقىندا، مەن زۇڭتۇڭ فېرناندېس بىلەن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق تۈزۈپ، 2022 - يىللىق جۇڭگو - ئارگېنتىنا دوستانە ھەمكارلىق يىلىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدۇق. مەن جۇڭگو - ئارگېنتىنا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ فېرناندېس بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - ئارگېنتىنا ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  فېرناندېس مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 50 يىل بولغان پەيتتە، مەن رەئىس شى جىنپىڭ ۋە قېرىنداش جۇڭگو خەلقىگە ئارگېنتىنا خەلقىنىڭ خۇشاللىق ھېسسىياتىنى بىلدۈرىمەن. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئارگېنتىنا بىلەن جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت، پەن - تېخنىكا ۋە ئىقتىساد ئالماشتۇرۇشى كۈنسېرى قويۇقلاشتى. ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى جاپالىق پەيتتە ئۆزئارا ھەمدەم بولغانلىقىغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىدۇ. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئارگېنتىنا - جۇڭگو ھەمكارلىقىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشنى خالايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ