مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2022.02.18 08:56 مەنبە: خەلق تورى

  2 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 4 ـ سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

  ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: قانۇنچىللىق گۈللەنسە مىللەت گۈللىنىدۇ، قانۇنچىللىق كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. ھازىر، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى مۈشكۈل، ئېغىر، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتا، قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى پۇختىلاش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا، ئىشلارنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: قانۇنچىللىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق سىستېمىسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدىن ئىبارەت بۇ بېكىتىلگەن خاراكتېرنى جەزمەن مەھكەم ئىگىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىپ، سىياسىي بىلەن قانۇنچىللىق، ئىسلاھات بىلەن قانۇنچىللىق، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن دۆلەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەردە كاللىنى ئالاھىدە سەگەك تۇتۇش، مەيدانى ئالاھىدە مۇستەھكەم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىز قۇرماقچى بولغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق سىستېمىسى جەزمەن جۇڭگو مەدەنىيىتىدە يىلتىز تارتقان، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى مەۋقە قىلغان، جۇڭگونىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان قانۇنچىللىق سىستېمىسى بولۇشى كېرەك، غەربنىڭ خاتا پىكىر ئېقىمى تەرىپىدىن قايمۇقتۇرۇلسا بولمايدۇ.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: نۇقتىلىق ساھەلەردە قانۇن چىقىرىشنى تېزلىتىش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق مۇھىم ساھەلەردە قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردە قانۇن چىقىرىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا زۆرۈر بولغان قانۇن ـ تۈزۈملەرنى تىرىشىپ تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى سىياسىي كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت قانۇنى بىلەن پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزامى بىر ـ بىرىنى تولۇقلايدىغان، بىر ـ بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەندىزىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. خەلق ئاممىسىغا ھەربىر تۈرلۈك قانۇن ـ تۈزۈم، ھەربىر قانۇن ئىجرا قىلىش قارارى، ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدىن ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ نىشاننى چۆرىدەپ، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، نوپۇزلۇق سوتسىيالىستىك قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈمىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك. قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنىڭ سىياسىيلىكى، سىياسەتچانلىقى كۈچلۈك، جەزمەن پىرىنسىپنى ئىگىلەپ، تۆۋەن چەكنى چىڭ ساقلاپ، ئىسلاھاتنى غەربنىڭ قانۇنچىللىق سىستېمىسىغا «توغرىلىنىدىغان»، غەربنىڭ قانۇنچىللىق ئەمەلىيىتىنى «ماختاپ كۆككە كۆتۈرىدىغان» ئىسلاھاتقا ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: قانۇنچىللىق ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ خەلقئارا كۈرەشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. دۆلەت ئىچىدىكى قانۇنچىللىق بىلەن چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇنچىللىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، چەت ئەلگە چېتىشلىق ساھەلەرگە ئالاقىدار قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، چەكلەشكە قارشى تۇرۇش، ئارىلىشىۋېلىشقا قارشى تۇرۇش، «ھوقۇق تەۋەلىكىدىن ھالقىپ باشقۇرۇش»نى چەكلەشكە دائىر قانۇن ـ نىزاملارنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن دائىرىسى سىرتىدا تەتبىقلىنىدىغان قانۇن سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: قانۇنچىللىق نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ھەرقايسى قانۇنشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە دەرسلىك تۈزۈش ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، كاللىغا سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئومۇمىي خەلقنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئۇل قۇرۇلۇش قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن قانۇننى ھۆرمەت قىلىشى، قانۇننى ئۆگىنىشى، قانۇنغا رىئايە قىلىشى، قانۇننى تەتبىقلىشى كېرەك. جۇڭگونىڭ قانۇنچىللىق ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنچىللىق سىستېمىسى ۋە قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ