24 - نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بېيجىڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك يېپىلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2022.02.22 08:51 مەنبە: خەلق تورى

  2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى كەچتە، 24 - نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ بىلەن رەئىس سەھنىسىدە كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى كەچتە، 24 - نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۆ يۆۋېي فوتوسى

  24 - نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى كەچتە دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  2008 - يىلى 100 يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقاندىن تارتىپ 2022 - يىلى ئولىمپىك تەنھەرىكىتى بىلەن يەنە بىر قېتىم قول تۇتۇشقانغا قەدەر، بېيجىڭ تارىختىكى تۇنجى «قوش ئولىمپىك شەھىرى»گە ئايلاندى. ئۆتكەن 16 كۈندە، بېيجىڭ ماھارەت تەنتەربىيەسىنىڭ شان - شەرىپى ۋە ئارزۇسىغا گۇۋاھ بولۇپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە دوستلۇقىنى مۇجەسسەملىدى. بەش ھالقىلىق بايراق ئاستىدا، 91 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 3000غا يېقىن تەنھەرىكەتچى جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، ئاخىرقى چەككە جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۆزىدىن ھالقىپ، ئىككى تۈرلۈك دۇنيا رېكورتى ۋە 17 تۈرلۈك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى رېكورتىنى يېڭىلاپ، «تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇش − تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىش»تىن ئىبارەت شانلىق مېلودىيەنى ياڭراتتى. جۇڭگو يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، بىر نۆۋەتلىك تېجەشلىك، بىخەتەر، قالتىس قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، 1 - قاتاردا تۇرىدىغان مۇسابىقە مەيدان، ساراي، ئەسلىھەلەر، قالتىس بولغان تەشكىللەش، مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتى ئولىمپىك چوڭ ئائىلىسى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ كۆلەملىك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى 9 ئالتۇن مېدال، 4 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال بىلەن يەككە نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدال سانى ۋە مېدال سانىدىن ئىبارەت ئىككى تۈردىكى رېكورتنى يېڭىلاپ، ئالتۇن مېدال تىزىملىكىدە 3 - ئورۇندا تۇرۇپ، 1980 - يىلى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندىن بۇيانقى تارىختىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتتى.

  تۈن پەردىسى ئاستىدىكى دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىدا رەڭگارەڭ نۇرلار چاقناپ تۇراتتى، كەيپىيات قىزغىن ئىدى.

  «تىنچلىق − تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» ناملىق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن باخ قاتارلىقلار بىلەن بىللە رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ، تاماشىبىنلارغا قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  دەل سائەت 20دە، يېپىلىش مۇراسىمى «يورۇتۇش» ناملىق مۇقەددىمە نومۇرى بىلەن باشلاندى. بالىلار قوللىرىدا قار ئۇچقۇنى شەكلىدىكى پانۇسلارنى كۆتۈرۈپ، يۈەنشياۋ بايرىمىدا گۈللۈك پانۇس تاماشا قىلىش ئەنئەنىسى بىلەن مەيداندىكى «冬» خەتلىك مۇسابىقە بەلگىسىنى يورۇتتى.

  ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇردى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە، ئوتقاشتەك بەش يۇلتۇزلۇق قىپقىزىل بايراق ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلدى.

  مەيداندا غايەت زور جۇڭگو تۈگۈچى نەقىشى پەيدا بولدى، بايراقچىلار بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان 91 ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ مەيدانغا كىردى. «شادلىق كۈيى» ناملىق كىلاسسىك مۇزىكا ياڭرىدى، تەنھەرىكەتچىلەر ۋەكىللىرى مەيدانغا كىردى، پۈتۈن مەيداندىكى تاماشىبىنلار ئالقىش ۋە تەنتەنە ساداسى ئىچىدە تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا چىن قەلبىدىن ئېھتىرام بىلدۈردى.

  چوڭ ئېكراندا «2022 - يىلى، مەن بار!» ناملىق قىسقا فىلىم قويۇلۇپ، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئېلىشقان، قايناق ھېسسىياتى ئۇرغۇغان قالتىس دەقىقىلەر قايتا نامايان قىلىندى. ئارقىدىن، ئاياللارنىڭ دالىدا قار تېيىلىش بويىچە 30 كىلومېتىرلىق كوللېكتىپ پەللىدىن چىقىش(ئەركىن ماھارەت) تۈرى ۋە ئەرلەرنىڭ دالىدا قار تېيىلىش بويىچە 50 كىلومېتىرلىق كوللېكتىپ پەللىدىن چىقىش(ئەركىن ماھارەت) تۈرىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىلەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى.

  پىدائىيلارنىڭ ھەربىر سەمىمىي تەبەسسۇمى چوڭ ئېكراندا ئۈزلۈكسىز نامايان بولدى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى تەنھەرىكەتچىلەر كومىتېتىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان ئەزالىرى بارلىق تەنھەرىكەتچىلەرگە ۋاكالىتەن، ئالتە پىدائىيلار ۋەكىلىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، كەڭ پىدائىيلارغا بولغان سەمىمىي مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە «پىدائىيلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش»تىن ئىبارەت بۇ ھالقا يولغا قويۇلغان ھەم شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدىكى ئەنئەنىگە ئايلانغان. بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، نەچچە ئونمىڭ پىدائىي قىزغىن مۇلازىمەت قىلىپ، جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك مەدھىيەگە ئېرىشتى.

  چوڭ ئېكراندا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ قىسقا فىلىمى «ئېتىقادنىڭ كۈچى» قويۇلۇپ، «تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇش − تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىش»تىن ئىبارەت ئولىمپىك روھى جانلىق نامايان قىلىندى.

  تەنتەنىلىك مۇراسىم ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، يەنە ئايرىلىش پەيتى يېتىپ كەلدى. جۇڭگودا قەدىمكىلەر يېقىنلىرىنى ئۇزاتقاندا ھەمىشە مەجنۇنتال چىۋىقىنى سۇندۇرۇپ، سېغىنىش ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيتتى. ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى، ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى 365 نەپەر ئاددىي كىشى مەجنۇنتال چىۋىقىنى كۆتۈرگىنىچە، مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا يىغىلدى، بۇ، بىر يىلدىكى 365 كۈنلۈك سېغىنىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئاق رەڭلىك نۇر دەستىسى مەيداننىڭ ئوتتۇرىدا يېنىپ، بىر نۇر ئابىدىسىنى شەكىللەندۈردى، ئاساسىي مەشئەل «چوڭ قار ئۇچقۇنى»نى كۆتۈرۈپ تۇردى. چوڭ ئېكراندا قىسقا فىلىم «2022 - يىلى، بىز بار!» قويۇلۇپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان ھەربىر كۆرۈنۈشى خاتىرىلەندى.

  ئارقىدىن، گىرېتسىيە دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش، گىرېتسىيە دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

  خېبېي ئۆلكىسىنىڭ فۇپىڭ تاغلىق رايونىدىن كەلگەن بالىلار ئولىمپىك ناخشىسىنى يەنە بىر قېتىم ئېيتتى، ئولىمپىك بايرىقى ناخشا ساداسى ئىچىدە ئاستا - ئاستا چۈشۈرۈلدى.

  ئولىمپىك بايرىقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى باشلاندى. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى چېن جىنىڭ بەش ھالقىلىق بايراقنى پۇلاڭلىتىپ، ئاندىن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخقا تاپشۇرۇپ بەردى. باخ ئولىمپىك بايرىقىنى كېلەر نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان شەھەر ئىتالىيەنىڭ مىلان شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى سارا ۋە كورتىنا دامپېززو شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى گەيدىناغا تاپشۇرۇپ بەردى.

  نەق مەيداندا ئىتالىيەنىڭ دۆلەت شېئىرى ئورۇنلىنىپ، ئىتالىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى چىقىرىلدى. مىلان شەھىرى بىلەن كورتىنا دامپېززو شەھىرى قالتىس ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرى «قوش شەھەر شۇنداق ماسلاشقان . كۈچلەر مۇجەسسەملىنىپ شانلىق نۇر چاچقۇسى»نى ئېلىپ كەلدى.

  ئارقىدىن، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي چى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ ئۇنتۇلغۇسىز 16 كۈندە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرى مۇسابىقە مەيدانىنى چاقنىتىپ، تەنتەربىيەنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، «تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇش − تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىش»تىن ئىبارەت ئولىمپىك ھېكمەتلىك سۆزىنى ئىزاھلىدى. ئولىمپىك چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرى ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆڭۈل قويۇپ ئۇلاپ تارقىتىپ، خەۋەر قىلىپ، پۈتۈن يەر شارىغا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە مەيدانى ئىچى - سىرتىدىكى ھەربىر قالتىس پەيتنى نامايان قىلدى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، قوللىغان ۋە تۆھپە قوشقان بارلىق دوستلارغا رەھمەت، سىلەر ئوخشاشلا قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قالتىسلىقىنى نامايان قىلدىڭلار. «قوش ئولىمپىك شەھىرى»دە ئاجايىپ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يەر شارىۋى قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى، بىز بۇ ئۇنتۇلغۇسىز قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پەيتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتايلى.

  خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئولىمپىك كەنتى تولىمۇ ئۆزگىچە بېزەلگەن بولۇپ، مەيدان - سارايلار كىشىنى ھەيران قالدۇردى، تەشكىللەش خىزمىتى ئىنتايىن قالتىس بولدى. بىز بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىغا، جۇڭگو ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا ھەمدە بىزنىڭ جۇڭگودىكى بارلىق ھەمكارلىق ھەمراھلىرىمىزغا ۋە دوستلىرىمىزغا ئەڭ سەمىمىي مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. بۇ، بىر نۆۋەتلىك ھەقىقىي مەنىدىكى تەڭداشسىز قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولدى، بىز جۇڭگونىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتى چوڭ دۆلىتىگە ئايلىنىشىنى قارشى ئالىمىز. ئەڭ ئاخىرىدا، باخ 24 - نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلغانلىقىنى جاكارلىدى ھەم پۈتۈن دۇنيا ياشلىرىنى تۆت يىلدىن كېيىن مىلان - كورتىنا دامپېززودا جەم بولۇپ، 25 - نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا چاقىرىق قىلدى.

  چوڭ ئېكراندا «خەير - خوش! بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنايلى!» ناملىق قىسقا فىلىم قويۇلۇپ، بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاخىرلىشىدىغان پەيتتە، جۇڭگو خەلقىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مېھمانلار بىلەن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماسلىقتەك دوستلۇقى خاتىرىلەندى.

  سائەت 21دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باش تېما ناخشىسى «مەن ۋە سىز» دېگەن تەسىرلىك ناخشا ئاۋازى يەنە بىر قېتىم ياڭرىدى، چاقناپ تۇرغان ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ بەش ھالقىسى مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدىن كۆتۈرۈلدى. ئاساسىي مەشئەل «چوڭ قار ئۇچقۇنى» ئاستا - ئاستا چۈشتى، لەرزان ۋە سېھرىي كۈچكە تولغان «قار ئۇچقۇنى» ناملىق ناخشا ساداسى ئىچىدە، 16 كۈن كۆيگەن ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ ئوتى ئاستا - ئاستا ئۆچتى.

  ھەيۋەتلىك ساليۇتلار بوشلۇققا كۆتۈرۈلدى، تەنتەربىيە مەيدانى ئاسمىنىدا بەش ھالقا شەكلى ۋە «جاھاندىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېگەن جۇڭگو تىل - يېزىقى، ئىنگلىز تىل - يېزىقىدىكى خەت كۆرۈندى، ناخشا، چاۋاك، ئالقىش سادالىرى پەلەككە يەتتى، دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانى شادلىق دېڭىزىغا ئايلاندى.

  بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، بېيجىڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ