مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

«تۆت ئەڭ قاتتىق» تەلەپنى تۈپ مىزان قىلىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش لازىم

2022.02.21 22:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خەن جېڭ 2-ئاينىڭ 17-كۈنى گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم سۆز قىلدى. يىغىندا پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالاقىدار مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، 2021-يىللىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتى خۇلاسىلەندى، ئالاقىدار ھۆججەتلەر قاراپ چىقىلدى، 2022-يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

  خەن جېڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېمەكلىك بىخەتەرلىكى دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش، ئىدىيەۋى تونۇش ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «تۆت ئەڭ قاتتىق» تەلەپنى تۈپ مىزان قىلىپ، خەۋپ-خەتەر ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ ھەر بىر مۇداپىئە سېپىنى قەتئىي مۇستەھكەملەپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەسىلە يۆنىلىشىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئىجتىمائىي تەسىرى چوڭ نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. مەنبەدىن تۈزەشنى كۈچەيتىپ، دېھقانچىلىق دورىسى، چارۋا-مال دورىسىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىلغان جاينىڭ مۇھىتىنى سىجىل ساپلاشتۇرۇپ، بۇلغانغان يېمەكلىكنىڭ بازارغا، تاماق ئۈستىلىگە ئېقىپ كىرىشىنى مەنبەدىن توسۇش كېرەك. ئۆلچەم سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا تەجرىبىلەرنى ئۆرنەك قىلىپ، ئىز قوغلاپ باھالاشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان چەكلىك مىقدار كۆرسەتكۈچى ۋە تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى تۈزۈش، تۈزىتىشنى تېزلىتىش كېرەك.

  پەن-تېخنىكا تىرىكىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ۋاسىتىلەرنى كېڭەيتىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۇچۇرلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش، قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىزمەتنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشى، ئورتاق ئىدارە قىلىشى، ئورتاق بەھرىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇ چۈنخۇا، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، تاموژنا باش مەھكىمىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلدى. گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلار ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ