مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ يېڭى زېلاندىيە پارلامېنت باشلىقى ماراد بىلەن سۆھبەتلەشتى

2022.02.21 22:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 2-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا، سىن شەكلىدە يېڭى زېلاندىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ماراد بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلدى. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭلى ئادىئېن بىلەن يېڭى ۋەزىيەتتىكى جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. جۇڭگو يېڭى زېلاندىيە بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي تۈزۈمى، تارىخىي مەدەنىيىتى، تەرەققىيات باسقۇچى، ئىقتىسادىي گەۋدە دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئۈلگىسى بولالىشىدىكى ئەڭ تۈپ تەجرىبە شۇكى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرغانلىقىدا. ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ باشتىن-ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككىنچى، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا، مەبلەغ سېلىشىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل تەرەققىيات، ھەمكارلىق يېڭى ساھەسىنى ئېچىشى كېرەك. ئۈچىنچى، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ، تەنتەربىيە، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرلىكنىڭ دوستلۇقى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «رېۋى ئاللىي روھى»نى ئىككى دۆلەت خەلقى، بولۇپمۇ ياشلار ئارىسىدا ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، كۆپ تەرەپلىك ئىشلارنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ب د ت، دۇنيا سودا تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، رايونلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش لازىم.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيەنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى ئۇزاق مۇددەت كۆپ قاتلاملىق، كۆپ ساھەلىك دوستانە ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېڭى زېلاندىيە پارلامېنتى بىلەن ھەرقايسى قاتلاملارنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك يېمەكلىكلىرى، بىيولوگىيەلىك داۋالاش، پاكىز ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق جەھەتلەردىكى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، تۈرلۈك كېلىشىملەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئۈچۈن ياخشى سىياسەت ۋە قانۇن مۇھىتى يارىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

  ماراد مۇنداق دېدى: يېڭى زېلاندىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردە ئىنتايىن مۇھىم. يېڭى زېلاندىيە جۇڭگونىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئاجايىپ تىرىشچانلىقىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ. يېڭى زېلاندىيە بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ. ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، يېڭى زېلاندىيە-جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يېڭى زېلاندىيە پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ