مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جۇڭگو - سىرى لانكا پارتىيەلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن سىرى لانكىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى ھەم «گۈرۈچ - كاۋچۇك كېلىشىمى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2022.02.21 11:43 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو - سىرى لانكا پارتىيەلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن سىرى لانكىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى ھەم «گۈرۈچ - كاۋچۇك كېلىشىمى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: 70 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو بىلەن سىرى لانكا قاتمۇقات توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە «گۈرۈچ - كاۋچۇك كېلىشىمى»نى ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ئالاقىسىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 65 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللىدى، جۇڭگو - سىرى لانكا مۇناسىۋىتى چوڭ - كىچىك دۆلەتلەر دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن سىرى لانكا جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولدى، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى يېڭى يۈكسىلىشكە ئېرىشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى سىرى لانكىدىكى ئاساسلىق پارتىيەلەر بىلەن دوستانە ئالاقىنى ساقلاپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت ياراتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى سىرى لانكىدىكى ھەرقايسى پارتىيەلەر بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو - سىرى لانكا ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بولغان سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - سىرى لانكا مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ