خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى ئېچىلغان جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20 ـ قېتىملىق يىغىنىدا: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5 ـ يىغىنىنى 2022 ـ يىل 3 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.
يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىلىرى: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈش ۋە قاراپ چىقىش؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە باشقا ئالاقىدار دوكلاتلار نى ئاڭلاپ ئۆتۈش ۋە مۇزاكىرە قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ