مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى جىن جېڭئېن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدا شى جىنپىڭغا ئاغزاكى سۆز يوللىدى

2022.02.28 13:23 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى جىن جېڭئېن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭغا ئاغزاكى سۆز يوللاپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بارلىق جۇڭگو خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ سەمىمىي ئارزۇسى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشى ئاستىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۇپ، بىر نۆۋەتلىك ئىجادىيلىققا ۋە خاسلىققا ئىگە بولغان چوڭ تىپتىكى خەلقئارا تەنتەربىيە كاتتا مەرىكىسىگە ئايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  جىن جېڭئېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو پارتىيەسى ۋە خەلقى قەتئىي تەۋرەنمەي كۈرەش قىلىش ۋە تىرىشىش ئارقىلىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدا رەڭدار ئىز قالدۇرۇپ، پۈتۈن دۇنياغا جۇڭگو خەلقىنىڭ يولداش باش شۇجىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى كۆرسىتىپ بەرگەن يولدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش جاسارىتىنى نامايان قىلدى.

  جىن جېڭئېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكتىن، جۇڭگو خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىدا يېڭى ئابىدە تىكلەش ئالدىدا تۇرغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 20 -قۇرۇلتىيىنى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك كۈتۈۋالىدۇ. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى يەنىمۇ نامايان بولىدۇ، جۇڭگو خەلقى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش كۈرۈشىدە تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ. مەن يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە چاۋشيەن-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، تىنچ تەرەققىي قىلىدىغان دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ