مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ يى گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

2022.02.28 12:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى تەكلىپكە بىنائەن گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بېل بورك بىلەن تېلېفونلاشتى.

  ئىككى تەرەپ نۆۋەتتىكى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا نۇقتىلىق پىكىر ئالماشتۇردى. ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە ۋە سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا پايدىلىق بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللايدۇ. ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى چۆرىدەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ئۇدا بەش نۆۋەت شەرققە كېڭىيىۋاتقان ئەھۋالدا، روسىيەنىڭ ھەققانىي بىخەتەرلىك تەلىپى مۇۋاپىق ھەل قىلىنىشى كېرەك.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى بۇرۇنلا ئاخىرلاشتى، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ ئورنى ۋە ئۈستىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيىتىنى قايتىدىن ئويلىشىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ مۇنداق قارىدى: گۇرۇھلار قارشىلىشىۋاتقان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرىنى ئۈزۈل ـ كېسىل چۆرۈپ تاشلىشى كېرەك. جۇڭگو شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن رۇسىيەنىڭ سۆھبەتنى قايتا باشلاپ، تەڭپۇڭ، ئۈنۈملىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ياۋروپا بىخەتەرلىك مېخانىزمى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ جازالاش ۋاسىتىسى ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنى قوللىمايدۇ، خەلقئارا قانۇن ئاساسى بولمىغان بىر تەرەپلىمە جازالاشقا تېخىمۇ قارشى تۇرىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى بۇرۇنلا شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جازالاش مەسىلىنى ھەل قىلالمايلا قالماستىن، يەنە يېڭى مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە«قوش ئۇتتۇرۇش» ياكى«كۆپ ئۇتتۇرۇش» ۋەزىيىتىنى پەيدا قىلىپلا قالماي، يەنە سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى باشتىن-ئاخىر ئادا قىلىپ كەلدى. بىزنىڭچە، خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھەرىكەت قوللانسا، نۆۋەتتىكى كىرىزىسنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىشى، ھەرگىزمۇ يېڭى قارشىلىشىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلماسلىقى كېرەك. جۇڭگو خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلغاندا، قورال ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىش ۋە جازالاش توغرىسىدىكى بايانلارنى نەقىل كەلتۈرۈشنى توسىدى. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تىنچلىق ئۈستىدە ئىزدىنىش، تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ