مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يامان نىيەتتە ئۆستۈرۈلگەن باھادىن كىرگەن پايدا قايتۇرۇۋېلىندى

2022.02.28 12:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:مۇخبىرنىڭ 25-چېسلا مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدىن ئىگىلىشىچە، قىشلىق تەتىلدىن بۇرۇن جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان غەيرىي پەن تۈرى بويىچە مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ يامان نىيەتتە باھا ئۆستۈرۈشى، ۋاقىتتىن ئاشۇرۇپ ھەق ئېلىشى قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىپۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى جايلار مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىق ئۈچ تارماقنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ مەركەزلىك تۈزەپ، دەرھال ھەرىكەتلىنىپ دەرھال تۈزىتىپ، قىشلىق تەتىلنىڭ ئالدى-كەينىدىكى بىر مەزگىلدىن پايدىلىنىپ غەيرىي پەن تۈرىدىكى تەربىيەلەش ھەققىنى مەخسۇس رەتكە تۇرغۇزۇپ تۈزەش خىزمىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىغان.

  2-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە، جايلار پەن تۈرىدە بولمىغان تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىدىن 184 مىڭ 800 قېتىمنى تەكشۈرۈپ، يامان غەرەزدە باھا ئۆستۈرگەن ئاپپاراتتىن 52 نى بايقاپ، ئالاقىدار بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسىلىلەرنى تۈزىتىپ، ئالاقىدار ئاپپاراتلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلدى، تەربىيەلەش ھەققىنىڭ يامان نىيەتتە ئۆستۈرۈلگەن قىسمىنىڭ ھەممىسىنى ئاتا-ئانىلارغا قايتۇرۇپ بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ