مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا پاراخوتى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتتى، شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ئىنكاس قايتۇردى!

2022.02.28 12:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئامېرىكا«جونسون» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق قوغلىغۇچى پاراخوتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەنلىكى توغرىسىدا توختالدى.

  شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە داشياۋى شى يىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2-ئاينىڭ 26-كۈنى ئامېرىكىنىڭ«جونسون» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق قوغلىغۇچى پاراخوتى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەن. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى تەشكىللىگەن ئەسكىرىي كۈچ ئامېرىكا پاراخوتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈش ھەرىكىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى نازارەت قىلغان. ئامېرىكا بۇ قېتىمقى ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، بەزى قىياپەتلەر ئارقىلىق«تەيۋەن مۇستەقىللىقى» كۈچلىرىگە مەدەت بېرىشكە ئۇرۇنغان، بۇ ھەم ساختىلىق ھەم بىھۇدە ئاۋارىچىلىك. ئۇرۇش رايونىدىكى قىسىملار ھەر ۋاقىت يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ