مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگو ئەزەلدىن تىنچلىق، ھەققانىيەت تەرەپتە تۇرىدۇ

2022.02.28 12:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 25-چېسلا ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئەزەلدىن ئىشنىڭ ھەق-ناھەقلىكىگە قاراپ ئۆزىنىڭ مەيدانى ۋە سىياسىتىنى بەلگىلەيدۇ، تىنچلىق، ھەققانىيەت تەرەپتە تۇرىدۇ.

  شۇ كۈندىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: ئاقساراي باياناتچىسى پساكى 24-چېسلا ھازىر جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دۆلەتلەر تارىخنىڭ قايسى تەرىپىدە تۇرىدىغانلىقىنى تاللىغان ۋاقىتتا، جۇڭگو تەرەپنىڭمۇ بىر تەرەپتە تۇرۇشنى تاللىشىنى تەلەپ قىلدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ ئەزەلدىن ئىشنىڭ ھەق-ناھەقلىقىگە ئاساسەن ئۆزىنىڭ مەيدانى ۋە سىياسىتىنى بەلگىلەيدۇ، جۇڭگو ئەزەلدىن تىنچلىق، ھەققانىيەت تەرەپتە تۇرۇپ كەلدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بىز باشتىن-ئاخىر مۇنداق قاراپ كەلگەن: ئۇكرائىنا مەسىلىسى مۇرەككەپ تارىخىي ئاساسقا ئىگە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مۇۋاپىق بىخەتەرلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرىنى ئۈزۈل-كېسىل چۆرۈپ تاشلاپ، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئۇكرائىنا ۋە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا تەڭپۇڭ، ئۈنۈملۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ياۋروپا خەۋپسىزلىك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىر مەزگىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىنى پائال ئىلگىرى سۈردى. رەئىس شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: ئالاقىدار تەرەپلەر سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نورماندى مېخانىزمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ تەرەپلىك سۇپىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى جىددىي ئۆزگەرگەندىن كېيىن، دۆلەت كومېسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى ئايرىم-ئايرىم ھالدا رۇسىيە، ئامېرىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن تېلېفونلىشىپ، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ مۇۋاپىق بىخەتەرلىكىگە ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك، ب د ت نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپى قوغدىلىشى كېرەك، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىنى يەنە بىر قېتىم مۇراجىئەت قىلىپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ، سۆھبەت ئارقىلىق ۋەزىيەتنى پەسەيتىپ، ئىختىلاپلارنى تۈگىتىشى كېرەك. ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، جۇڭگو تەرەپ يەنە ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. جۇڭگونىڭ ئۇسۇلى ئامېرىكىنىڭ كىرىزىس پەيدا قىلىش، كىرىزىسنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇش، كىرىزىستىن پايدا ئېلىش ئۇسۇلى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلدى.زادى قانداق ئۇسۇل ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا تېخىمۇ پايدىلىق؟ ياۋروپانىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تېخىمۇ پايدىلىق؟ بۇنىڭغاتارىخ ئادىل يەكۈن چىقىرىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ دەرۋازىسى تېخى تولۇق يېپىلغىنى يوق. بىز ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ سوغۇققان ۋە ئاقىلانە بولۇپ، ب د ت نىزامنامىسىنىڭ پىرىنسىپىغا ئاساسەن، سۆھبەت ئارقىلىق ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تىنچ ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ياراشتۇرۇش ئارقىلىق سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈدۇ، بارلىق دىپلوماتىيە ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشنى قارشى ئالىدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ