مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى جىشياڭ ئاۋىياتسىيەسى يولۇچىلار ئايروپلانىنىڭ شامال توسۇش ئەينىكىگە دەز كېتىش ۋەقەسىگە ئىنكاس قايتۇردى

2022.02.28 12:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:بۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، 2-ئاينىڭ 19-كۈنى يۈز بەرگەن يولۇچىلار ئايروپلانىنىڭ شامال توسۇش ئەينىكىگە دەز كېتىش ۋەقەسى توغرىسىدا خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئىنكاس قايتۇردى.

  خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىكى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جۇ تاۋ مۇنداق دېدى: جىشياڭ ئاۋىياتسىيە ئايروبۇس320 ئايروپلانىنىڭ ھەيدەش بۆلۈمچىسىنىڭ سول تەرىپىدىكى مۇقىم دېرىزە ئوتتۇرا قەۋەت ئەينىكىنىڭ تاق قەۋەتلىك دەزى بولۇپ، قوللانمىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەنزىلگاھقا نورمال ئۇچالايدۇ، لېكىن ئايروپلان گۇرۇپپىسى تېخىمۇ بىخەتەر، پۇختا، ئىشەنچلىك بولۇش ئۈچۈن، قونۇشنى قارار قىلدى ھەم ۋۇخەن ئايرودرومىغا بىخەتەر قوندى. توردا خەۋەر قىلىنغان 7 مىنۇتتا 4300 نەچچە مېتىر تۆۋەنلىدى دېيىلگەن گەپ نورمال نۆۋەتچى ئايروپلاننىڭ پەسلەش نىسبىتى بولۇپ، ھېچقانداق خەتىرى يوق. ھازىر، كونكرېت سەۋەب چوڭقۇر تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ، ئېنىق يەكۈن دەل ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىدۇ.

  بۇ مەسئۇل خادىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تىرانسپورت ئايروپلانىنىڭ شامال توسۇش سىستېمىسى ئادەتتە ھەيدەش بۆلۈمچىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى ئىككى پارچە شامال توسۇش سىستېمىسى، ئوڭ-سول ئىككى تەرىپىدىكى بىردىن مۇقىم دېرىزە ياكى سىيرىلما دېرىزە ۋە شامال توسۇش، ئىسسىتىش سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بوئىن 737، ئايروبۇس 320 تىپلىق ئايروپلاننىڭ شامال توسۇش قەۋىتى ۋە يان دېرىزىسى ئۈچ قەۋەت ئەينەكتىن تەركىب تاپقان، ئۇنىڭ ئىچىدىكى سىرتقى قەۋەت قۇرۇلما كۈچىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ئاساسلىق ئىقتىدارى سوقۇلۇشتىن ساقلىنىش. ئوتتۇرا قەۋەت بىلەن ئىچكى قەۋەت كۆتۈرۈش قۇرۇلمىسى كۈچ قەۋىتى. ئوتتۇرا، ئىچكى قەۋەتتىكى ھەرقانداق بىر قەۋەت مۇكەممەل ساقلىنىدۇ، ئايروپلان نورمال ئىچكى-تاشقى بېسىم پەرقىنى ساقلاپ، ئۇچۇش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئايروپلان ھەرىكەتلەنگەندە، شامال توسۇش سىستېمىسى بەزىدە قۇش ياكى مۆلدۈر قاتارلىق سىرتتىن كەلگەن باشقا ماددىلارنىڭ سوقۇلۇشى، تېمپېراتۇرا ئاشۇرۇش سىستېمىسى ئېلېكتىر يايلىق زەرەت قويۇپ بېرىشى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئەينەكتە دەز پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا شامال توسۇش ئەينىكىدىكى دەز بەلگىلىك يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىغا ئىگە. 2017- يىلىدىن 2021- يىلىغىچە، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسىدە جەمئىي 254 قېتىم شامال توسۇش قەۋىتىگە دەز كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى تەخمىنەن 50 قېتىم يۈز بەرگەن. بۇ خىل ئەھۋال يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇچقۇچىلار گۇرۇپپىسى ئۆلچەملىك بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، ئەڭ ياخشى تەدبىر قوللىنىپ ئۇچۇش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ