خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ گۇيجۇ ئۆلكىسى چيەنشىنەن ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، 2022-يىل 2-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، گۇيجۇ ئۆلكىسى جېنفېڭ ناھىيەسى لۇڭياڭ بازىرى سەنخېشۈنشۈن كۆمۈر كېنىدا ۋەقە يۈز بېرىپ، دەسلەپكى قەدەمدە تورۇس گۆمۈرۈلۈپ چۈشكەن دەپ ھۆكۈم قىلىنغان. دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، 14 ئادەم قاپسىلىپ قالغان.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، گۇيجۇ ئۆلكىسى ئوبلاست، ناھىيەلەردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار دەرھال كان تەپتىشلىكى، ئېنېرگىيە، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، ج خ، سەھىيە-ساغلاملىق قاتارلىق تارماقلارنىڭ خادىملىرىنى باشلاپ نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى. ھازىر تۈرلۈك خىزمەتلەر پائال قانات يايدۇرۇلماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ