خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى 16 تۈرلۈك كۆپىيىشكە ياردەم بېرىش تېخنىكىسى تۈرىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى A تۈرىنىڭ ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ھەم 3-ئاينىڭ 26-كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ «پىروبىركا بوۋىقى» ئارقىلىق بالىلىق بولماقچى بولغان نۇرغۇن ئائىلىلەرنى تېخىمۇ كۆپ قوللاش بىلەن تەمىنلىدى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىم ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى قانات يايدۇرغان 63 تۈرلۈك داۋالاش مۇلازىمىتى باھا تۈرى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ تەڭشەلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، بەدەن سىرتىدا ئۇرۇقلاندۇرۇش، تۆرەلمىنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق 53 تۈرلۈك كۆپىيىشكە ياردەم بېرىش تېخنىكا تۈرىگە بىر تۇتاش باھا بېكىتىلگەن بولۇپ، ئاساسەن بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ كۆپىيىشكە ياردەم بېرىشتە دائىم قوللىنىلىدىغان تېخنىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، داۋالاش ئاپپاراتلىرى، كەسپىي جەمئىيەتلەرنىڭ كەسپىي تەكلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، تېرە ئاستىغا ئوكۇل سېلىش قاتارلىق ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئون تۈرلۈك داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ باھا تۈرى تەڭشەلگەن.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، كۆپىيىشكە ياردەم بېرىش تېخنىكا مەركىزىدە، ئېھتىياج ئەڭ كۆپ بولىدىغىنى «پىروبىركا بوۋىقى» تېخنىكىسى بولۇپ، بۇ تېخنىكا تەكشۈرۈش ۋە داۋالاشنىڭ بىر قېتىملىق خىراجىتى تەخمىنەن 38 مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈەنگىچە ئىكەن، يېرىمدىن كۆپرەك بىمار ئىككى قېتىم ياكى ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق داۋالانسا ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىكەن.بېيجىڭ چاۋياڭ دوختۇرخانىسىدا، جاڭ خانىمنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ يىل 36 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ھامىلىدار بولۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقىلى ئۈچ يىل بولغان، «16 تۈرلۈك قوشۇمچە كۆپىيىش تېخنىكىسى تۈرىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزگەنلىك مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خۇش خەۋەر» دېگەن.
مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 16 تۈرلۈك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى A تۈرىنى ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن كۆپىيىشكە ياردەم بېرىش تېخنىكا تۈرىنىڭ باھاسى 180 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە بولۇپ، سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش، تۆرەلمە كۆچۈرۈش ۋە يېتىشتۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل داۋالاش مۇلازىمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە يەككە تۈرنىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى تۆرەلمە يەككە گېن كېسەللىكىگە دىياگنوز قويۇش تېخنىكىسى بولۇپ، باھاسى 5050 يۈەن بولغان.
«دوختۇرخانىمىزغا بىر نەچچە كۈندىن بۇيان نۇرغۇن مەسلىھەت سوراش تېلېفونى كەلدى، بەزى بىمارلار بۇ ئايدا بۇ ئىشنى قىلماي تۇرايلى، سىياسەت ئەمەلىيلەشكەندىن كېيىن ئاندىن قىلىمىز دېيىشتى» دەپ تونۇشتۇردى بېيجىڭ داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسى كۆپىيىش تېببىي مەركىزىنىڭ مۇدىرى شېن خۇەن، ئۇ يەنە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، تەجرىبىخانىدىكى تۆرەلمىنى يېتىشتۈرۈشتىن تۆرەلمىنى كۆچۈرۈشكىچە بولغان پۈتكۈل دەۋرىيلىك داۋالىنىش خىراجىتى تەخمىنەن 10 مىڭ يۈەندىن 14 مىڭ يۈەنگىچە تېجەپ قېلىنىدۇ.
نۆۋەتتە، بېيجىڭ شەھىرىدىكى كۆپىيىشكە ياردەم بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتى 15 كە يەتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى