مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ سابىق ماددىي ئەشيا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چېن شياۋلىن تەكشۈرۈلدى

2022.02.28 12:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى ۋە سىچۈەن ئۆلكىلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتى ئەسلىدىكى ماددىي ئەشيا بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇدىرى چېن شياۋلىن ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، نۆۋەتتە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلماقتا.

  چېن شياۋلىننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  چېن شياۋلىن، ئەر، خەنزۇ، 1955-يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ شۈەنخەن ناھىيەسىدىن، 1972-يىلى 4-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1988-يىلى 10-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ