مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«بىكارچى كادىر» بولۇپ قالمايلى

2022.02.24 15:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھازىر، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنىڭ ئىشلىرى مۇرەككەپ، دائىرىسىى چوڭ بولۇپ، ئالدىراشلىق بىلەن بىكارلىق تەكشى بولماي، خادىملارنىڭ بىكار تۇرۇش ئەھۋالى مەلۇم دەرىجىدە يەنىلا مەۋجۇت. يۇقىرىغا ئىتتىرىپ، تۆۋەنگە چۈشۈرىدىغان «پاسچى»لار، ئۆسۈشتىن ئۈمىد يوق «پېشقەدەملەر»، كۈن ئۆتكۈزۈشنىڭلا كويىدا يۈرىدىغان «يوشۇرۇن ئادەملەر»، جاپا تارتىدىغان، تىل قىسىنچىلىقى بار «باشقىلارنىڭ ئۇۋالىغا قالغانلار»، بىھۇدە ئاۋارە بولىدىغان «ئۈنۈمسىزلەر»... بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەم ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئىسراپ قىلىدۇ، ھەم خىزمەتنى بىر ئىزدا توختىتىپ قويىدۇ، تەرەققىياتنىڭ ياخشى پۇرسىتىگە دەخلى قىلىدۇ.

  ئىگىلىك تىكلەش تەس، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش زۆرۈر. باش شۇجى شى جىنپىڭ: «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ھەرگىزمۇ ئاسانلا، داقا-دۇمباق چېلىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

  «بىكارچى كادىر»لار ئاساسىي قاتلامنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش ئومۇمىي كەيپىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىغا كاشىلا قىلىدۇ، ئورۇننىڭ ئومۇمىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىسىز بولۇپ، ھەتتا يەرلىكنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسىگە بىلىندۈرمەي سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

  داغدام يول ئاددىي، ئەمەلىي ئىشلەش مۇھىم. «بىكارچى كادىر»لارنىڭ خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە زىيىنى باركى، پايدىسى يوق، ئۇلارنى قەتئىي توسۇش كېرەك. ئىدىيە جەھەتتىكى «يۈك»نى چۆرۈپ تاشلاپ، پارتىيە تەشكىلاتى چۈشۈرگەن ۋەزىپە، شۇنداقلا خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە پايدىلىقلا ئىش بولىدىكەن دادىل، خاتىرجەم ئىشلەش، خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن قورقماسلىق، سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك. نېمە ئىش قىلسا شۇنى ئۆگىنىش، نېمە كەم بولسا شۇنى تولۇقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەم ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا زۆرۈر بولغان نەزەرىيە بىلىملىرى ۋە كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، ھەم كەسىپ تەرەققىياتى، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىپ،

  «ئىقتىدار ساراسىمى»، «بىلىم ساراسىمى»گە تاقابىل تۇرۇپ، قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسا شۇ كەسىپنىڭ مۇتەخەسسسى بولۇش، قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسا شۇ كەسىپتە سەرخىل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ دەۋر تەرەققىياتى ئېھتىياجلىق بولغان بىرىكمە تىپلىق ياكى كەسپىي تىپلىق كادىر بولۇش كېرەك. ئىدىيە جەھەتتە سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقتىن ئىبارەت بۇ باش ۋېكليۇچاتېل مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، «ئۆزىنى تاشلىۋېتىش»تەك روھىي ھالەتنى تۈگىتىپ، «ئىسسىق قازاندىكى چۈمۈلە» بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ئىشلاردا چوڭ ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىپ، ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىپ، ئەمەلىي جەڭنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرىپ، بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەش كۈرەش ئىرادىسىنى تاۋلاپ، ئىشقا يولۇققاندا قىلالايدىغان ئىقتىدارنى تاۋلاش كېرەك.

  ئىشتىن قاچقانلارنىڭ تۆھپىسى يوق، تېرىقچىلىققا ھورۇنلۇق قىلغانلار ھوسۇلسىز قالىدۇ. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىدىيە جەھەتتە «بىكارچى»لىق ئىدىيەسىنى يېڭىپ، ھەرىكەت جەھەتتە «بىكارچى كادىر»لار بىلەن چەك-چېگرانى ئېنىق ئايرىپ، «بىكار تۇرماسلىق»، «بىكار تۇرالماسلىق»تەك كۈرەش قىلىش ھالىتى، «ھازىر، دەرھال، تېزدىن» بولۇشتەك خىزمەت قىزغىنلىقى، «قىيىن ئىشتىن قاچماسلىق، ھەققانىيەت يولىدا مەسئۇلىيەتتىن قاچماسلىق»تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەتكە كىرىشكەندىلا، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرى ئاندىن مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ