خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تەرجىمە قىلغان شى جىنپىڭنىڭ «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا» ناملىق كىتابىنىڭ نېمىسچە نۇسخىسى يېقىندا مەركىزىي تەھرىر-تەرجىمە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
شى جىنپىڭنىڭ «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا» ناملىق كىتابىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن، ئۇنىڭغا يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم ماقالىسىدىن 85 پارچە كىرگۈزۈلدى. بۇ كىتابنىڭ نېمىسچە نۇسخىسى ۋە بۇنىڭدىن ئىلگىرى نەشر قىلىنغان ئىنگلىزچە، فىرانسۇزچە، ياپونچە، رۇسچە، ئەرەبچە نۇسخىسى چەت ئەللىك ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر چۈشىنىشى، شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ مول مەزمۇنى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ دىپلوماتىيە فاڭجېن-سىياسەتلىرى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر چۈشىنىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ