مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2021.10.21 14:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 18-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا سىن شەكلىدە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان سەككىز يىلدىن بۇيان، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە قىزغىن قاتنىشىشىغا ئېرىشىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى نۇقتىلىق ساھە، جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش رامكىسى ئىچىدە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەر شارىۋى ئېنېرگىيەنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر شارىۋى ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى خالايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز «بىر بەلباغ، بىر يول» ئېنېرگىيە ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى پائال بەرپا قىلىپ، بىر بەلباغ، بىر يول ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بىر قاتار مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كىلىمات ئۆزگىرىشى كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇش چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، قول تۇتۇشۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە تەمىناتىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پاكىز، كۆپ مەنبەلىك يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ يېشىل، سىغدۇرۇشچان ئېنېرگىيە كەلگۈسىگە قەدەم قويۇش كېرەك. ئۇ تۆت تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، يادرو ئېلېكتىرى، يېڭى ئېنېرگىيەدىن توك چىقىرىش، ئاقىل ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېشىل يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، ئېنېرگىيە تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە تېجەپ كاربوننى تۆۋەنلىتىش، ھاسىلىي ئېنېرگىيە، ئىلغار يادرو ئېنېرگىيەسى قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيە تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە قوللىنىشنى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇپ، ئېنېرگىيە بايلىقىنى چەكلەش مەسىلىسىنى تېخنىكا تەرەققىياتى ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئېنېرگىيەنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيەنىڭ يېتىشچانلىق ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيەگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. تۆتىنچى، ئېنېرگىيەنىڭ سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك.

  2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىنى دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى ۋە شەندۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، «قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ يېشىل، سىغدۇرۇشچان ئېنېرگىيە كەلگۈسىگە قەدەم تاشلاش» باش تېما قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ