مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 34 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى​

​رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، دۆلىتىمىز رەقەملىك ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2021.10.21 08:36 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن دۆلىتىمىز رەقەملىك ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا 34 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رايون - بۆلەك زەنجىرى قاتارلىق تېخنىكىلاردا تېز يېڭىلىق يارىتىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ پۈتۈن جەريانىغا كۈنسايىن سىڭىپ كىردى، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى، قاپلاش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، تەسىر كۆرسىتىش دەرىجىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى مىسلىسىز بولۇپ، يەر شارىۋى مۇھىم ئامىل بايلىقىنى قايتا تەشكىللەش، يەر شارىۋى ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى قايتا قۇرۇش، يەر شارىۋى رىقابەت ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئاچقۇچلۇق كۈچكە ئايلانماقتا. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، غايەت زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇمات ۋە مول ئەمەلىي كۆرۈنۈش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، رەقەملىك تېخنىكا بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىش كېرەك.

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، نەنجىڭ داشۆنىڭ مەكتەپ مۇدىرى، پىروفېسسور لۈ جيەن بۇ مەسىلىگە قارىتا چۈشەنچە بېرىپ، خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇزاكىرە قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە دۆلەت چوڭ سانلىق مەلۇمات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، تور ئىقتىسادى بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئالاقە تورىنى ئاساس قىلغان تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاپ، ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، رەقەملىك جۇڭگو، ئاقىل جەمئىيەت قۇرۇپ، رەقەمنى كەسىپلەشتۈرۈش ۋە كەسىپنى رەقەملەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە رەقەملىك كەسىپلەر توپىنى بەرپا قىلدى، دۆلىتىمىز رەقەملىك ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى بىرقەدەر تېز، مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى. بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پارتلاش خاراكتېرلىك تارقالغاندىن بۇيان، رەقەملىك تېخنىكا، رەقەملىك ئىقتىساد يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنى قوللاش، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەھەتتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىدە يېڭى پۇرسەتنى ئىگىلەشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش. بىرىنچى، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق، رەقەملىك تېخنىكا، رەقەملىك ئىقتىساد تۈرلۈك بايلىق مۇھىم ئامىللىرىنىڭ تېز يۆتكىلىشى، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ تېز يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ تەشكىلىي ئەندىزىنى قايتا تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىپ، چېگرا ھالقىغان تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، زامان - ماكان چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدا ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرالايدۇ. ئىككىنچى، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتى زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق، رەقەملىك ئىقتىساد يۇقىرى يېڭىلىق يارىتىشچانلىققا، كۈچلۈك سىڭىشچانلىققا، كەڭ قاپلاشچانلىققا ئىگە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى بولۇپلا قالماي، يەنە ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تايانچ نۇقتىسى بولۇپ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم موتورى بولالايدۇ. ئۈچىنچى، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتى دۆلەتنىڭ رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق، ھازىرقى دەۋردە رەقەملىك تېخنىكا، رەقەملىك ئىقتىساد دۇنيا پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىدىكى ئالدىنقى پۇرسەت، يېڭى بىر نۆۋەتلىك خەلقئارا رىقابەتتىكى نۇقتىلىق ساھە بولۇپ، بىز بۇ ئاچقۇچلۇق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ ئېگىزلىك نۇقتىسىنى تېز ئىگىلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ «ھالقىلىق تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسى ئەۋزەللىكى، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، رەقەملىك تېخنىكا ئاساسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك، كەڭ دائىرىلىك، ئاسمان بىلەن زېمىن بىر گەۋدىلەشكەن، بۇلۇت بىلەن تور يۇغۇرۇلغان، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، قولايلىق، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، كونترول قىلغىلى بولىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك رەقەملىك ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئۇچۇر «چوڭ تومۇرى»نى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. كەسىپلەشكەن، كۆلەملەشكەن ئەمەلىي قوللىنىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئاچقۇچلۇق يۇمشاق دېتاللاردا نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يۇمشاق دېتال كەسپىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاچقۇچلۇق يۇمشاق دېتال تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، رەقەملەشتۈرۈش، تورلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، ياسىمىچىلىق، مۇلازىمەتچىلىك، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئالاقە تورى يېڭى تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن زەنجىرلىك ئۆزگەرتىپ، تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، رەقەملىك تېخنىكىنىڭ ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى چوڭايتىش، گىرەلەشتۈرۈش، ھەسسىلەپ ئاشۇرۇشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ كەسىپلەر بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، بىر تۈركۈم «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى» كارخانىلار ۋە ياسىمىچىلىق يەككە تۈرىدە چېمپىيون كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى رەقەملىك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، دىققەتنى ئىستراتېگىيەلىك ئالدىنقى سەپ ۋە ئېگىزلىك نۇقتىسىدىكى ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى مۇھىم، زور تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ۋە مۇھىم، زور تەرەققىيات ئېھتىياجىغا قويۇپ، كەسىپ زەنجىرىدىكى ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ رىقابەت كۈچىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتتىكى دەۋر ئالمىشىشنى تېزلىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ۋە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا قېلىپلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. بازار ئىجازىتى تۈزۈمى، ئادىل رىقابەتلىشىشنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى، ئادىل رىقابەتلىشىشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، ئىستېرېئولۇق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىپ، ئىشتىن ئىلگىرىكى، ئىش داۋامىدىكى، ئىشتىن كېيىنكى پۈتۈن زەنجىرلىك، پۈتۈن ساھەلىك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تەرەققىيات جەريانىدا ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، ئادىل رىقابەتلىشىشكە توسالغۇ بولىدىغان قىلمىشلار ۋە ئۇسۇللارنى تۈزىتىپ ھەم قېلىپلاشتۇرۇپ، سۇپا مونوپوللۇقى ۋە كاپىتالنىڭ تەرتىپسىز كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مونوپول قىلىش ۋە ناتوغرا رىقابەت قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. سۇپا كەسىپكارلىرى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك. باج ئېلىشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە باج تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: رەقەملىك ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن - نىزام ۋە سىياسەت - تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەسئۇل تارماقلار، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، ئىش تەقسىماتى ھەمكارلىقى، ئۆزئارا ماسلىشىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تېخنىكىسى ۋە ۋاسىتىسىنى ياخشىلاپ ۋە ئۇنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشنى يېڭىلىق يارىتىش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، مەبلەغ سېلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. سۇپا كارخانىلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ساھەلەرنىڭ تەلەپچان بولۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. جەمئىيەت نازارەتچىلىكى، تاراتقۇلار نازارەتچىلىكى، ئامما نازارەتچىلىكىنى قانات يايدۇرۇپ، نازارەتچىلىك بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. رەقەملىك ئىقتىساد تەرەققىياتىغا دائىر نەزەرىيە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، رەقەملىك تېخنىكا ۋە رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا تەدبىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. رەقەملىك ئىقتىساد خەلقئارا ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىپ، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد قارالمىلىرى سۆھبىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك رەقەملىك ئىدارە قىلىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك رەقەملىك ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى قوغداپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگو لايىھەسىنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو ساداسىنى ياڭرىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: رەقەملىك ئىقتىساد دۆلەتنىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، دۆلىتىمىزنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد تەرەققىياتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە تۈزۈلمە - مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەپ، ۋەزىيەتنى تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار رەقەملىك ئىقتىساد تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى ۋە سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئومۇمىي خەلقنىڭ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ رەقەملەشتۈرۈش ساپاسى ۋە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلىتىمىز رەقەملىك ئىقتىساد تەرەققىياتىنىڭ جەمئىيەت ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ