مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ ياڭشاۋ مەدەنىيىتى بايقالغانلىقىنىڭ ۋە جۇڭگو ھازىرقى زامان ئارخېئولوگىيە ئىلمى بارلىققا كەلگەنلىكىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئېھتىياتچان، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، كەسىپنى قەدىرلەش، ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، جۇڭگوچە ئۇسلۇبقا، جۇڭگوچە سالاپەتكە ئىگە ئارخېئولوگىيە ئىلمىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك

2021.10.19 08:34 مەنبە: خەلق تورى

  ياڭشاۋ مەدەنىيىتى بايقالغانلىقىنىڭ ۋە جۇڭگو ھازىرقى زامان ئارخېئولوگىيە ئىلمى بارلىققا كەلگەنلىكىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن!

  100 يىلدىن بۇيان، نەچچە ئەۋلاد ئارخېئولوگلار جاپا ـ مۇشەققەتكە چىداپ ئىشلەپ، بوشاشماي تىرىشىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەنبەسى، تەرەققىيات تومۇرى، شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ۋە دۇنيا مەدەنىيلىكىگە قوشقان مۇھىم، زور تۆھپىسىنى نامايان قىلىپ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە، مول ۋە چوڭقۇر جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇتۇش ئۈچۈن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

  كەڭ ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئېھتىياتچان، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، كەسىپنى قەدىرلەش، ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، نامەلۇم مەسىلىلەر ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، مەنبەسىنى ئېچىپ بېرىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، جۇڭگوچە ئۇسلۇبقا، جۇڭگوچە سالاپەتكە ئىگە ئارخېئولوگىيە ئىلمىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ خىسلىتىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

  شى جىنپىڭ

  2021 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى تېلېگراممىسى ياڭشاۋ مەدەنىيىتى بايقالغانلىقىنىڭ ۋە جۇڭگو ھازىرقى زامان ئارخېئولوگىيە ئىلمى بارلىققا كەلگەنلىكىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 100 يىلدىن بۇيان، نەچچە ئەۋلاد ئارخېئولوگلار جاپا ـ مۇشەققەتكە چىداپ ئىشلەپ، بوشاشماي تىرىشىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەنبەسى، تەرەققىيات تومۇرى، شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ۋە دۇنيا مەدەنىيلىكىگە قوشقان مۇھىم، زور تۆھپىسىنى نامايان قىلىپ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە، مول ۋە چوڭقۇر جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇتۇش ئۈچۈن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

  شى جىنپىڭ كەڭ ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئېھتىياتچان، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، كەسىپنى قەدىرلەش، ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، نامەلۇم مەسىلىلەر ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، مەنبەسىنى ئېچىپ بېرىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، جۇڭگوچە ئۇسلۇبقا، جۇڭگوچە سالاپەتكە ئىگە ئارخېئولوگىيە ئىلمىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ خىسلىتىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ياڭشاۋ مەدەنىيىتى بايقالغانلىقىنىڭ ھەم جۇڭگو ھازىرقى زامان ئارخېئولوگىيە ئىلمى بارلىققا كەلگەنلىكىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى 10 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ سەنمېنشيا شەھىرىدە ئېچىلدى، بۇ يىغىننى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى، خېنەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى. 1921 ـ يىلى 10 ـ ئايدا، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ميەنچى ناھىيەسىدە ياڭشاۋ خارابىسى قېزىلىپ، جۇڭگو ھازىرقى زامان ئارخېئولوگىيە ئىلمىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلانغان.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ